نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 654 قېتىم كۈرۈلدى
قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمىغان نەۋرە ئاكا - سىڭىلنىڭ نىكاھى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -16
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

سىنا تورى خەۋىرى : 12 يىل بۇرۇن خۇبېي شىڭشەنلىك بىر نەۋرە ئاكا - سىڭىل جىيەن فامىلىلىك ۋە لى فامىلىلىك نىكاھقا تىزىملىتىپ بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلار ھېسسىيات جەھەتتە كېلىشەلمەي سوتقا نىكاھتىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى سۇندى ، لېكىن سوت ئۇلارغا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئەمەلىي نىكاھ مۇناسىۋىتى شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ئىككىيلەننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى يېقىندا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن كۈچكە ئىگە ئەمەس نىكاھ دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان .
تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىيەن فامىلىلىك بىلەن لى فامىلىلىكنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان بولۇپ ، مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلار ‹ تېخىمۇ يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇش › كونا ئىدىيىسىنىڭ تەسىردە بىر پىكىرگە كەلگەنلىكىنى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەننىڭ شىڭشەن ناھىيىسى بۇرۇنقى گاۋلەن بازارلىق ھۆكۈمەتتە نىكاھقا تىزىملاتقانلىقنى ئېنىقلىغان . 2001 - يىلى 4 - ئايدا ئىككىيلەن بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇپ ، تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن . يېقىندا ئىككىيلەن ئائىلىدە ئۇششاق - چۈشەك ئىشلار توختىماي يۈز بېرىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتى كېلىشەلمەي شىڭشەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزنامىسىنى سۇنۇشقان . سوتچى تەكشۈرۈپ جىيەن فامىلىلىكنىڭ دادىسى بىلەن لى فامىلىلىكنىڭ ئانىسىنىڭ ھەقىقەتەن نەۋرە ئاكا - سىڭىل ئىكەنلىكىنى ، جىيەن فامىلىلىك بىلەن لى فامىلىلىكنىڭ كىچىك ئاپا بىلەن تاغىلىق نەۋرە تۇغقان مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار شىرەم تۇغقانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
سوت مەھكىمىسى ‹ نىكاھ قانۇن› : دا بىۋاسىتە قانداش تۇغقان بولسا ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقان بولسا، نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان بولسا بۇنداق نىكاھ مۇناسىۋىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس ئېنىق بەلگىلىمە بار دەپ قارىغان . جىيەن فامىلىلىك بىلەن لى فامىلىلىك كىچىك ئاپا بىلەن تاغىلىق نەۋرە تۇغقان مۇناسىۋىتىدە ، يەنە كېلىپ ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقان ، نىكاھ قانۇندا ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ نىكاھلىنىشى مەنئى قىلىنغان دەپ قاراپ سوت مەھكىمىسى كۈچكە ئىگە بولمىغان نىكاھ دەپ ھۆكۈم چىقارغان .
مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىللەر
ئەگەر يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلار نىكاھلانسا تۇغۇلغان بالىلاردا دېۋەڭلىك ياكى باشقا كېسەللەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن .
يېقىن تۇغقانلارنىڭ نىكاھلىنىشى بولسا جىددىي خاراكتېرلىك ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، مەسىلەن : ئالبىنىزم كېسەللىكى ، تۇغما گاس گاچىلىق ، كىچىك مېڭە نورمالسىز يېتىلىش قاتارلىقلار ، يەنە تېخى كۆپ گېنلىق ئىرسىيەت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىمۇ يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ ، بۇنداق بولغاندا مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش ، ئومۇرتقا يېرىلىش ، مېڭىسىز ھامىلە ، ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى ، تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى ، تۇتقاق كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش