نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1165 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا كىملىك بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -08
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-يانۋار ئۈرۈمچى خەۋىرى (ئۆز مۇخبىرىمىز:نۇزىگۈل ئىمىر، گۈلرىز سۈرئەت):
8-يانۋاردىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى كىملىك ئارقىلىق پويىز بېلىتى سېتىۋىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 8-يانۋار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا چاغانلىق تىرانسپورت باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىن «چاغانلىق تىرانسپورتتا ياخشى مۇلازىمەت ئارقىلىق يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتايلى» نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شۈ لەنخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغانلىق تىرانسپورتتا كىملىك ئارقىلىق بېلەت سېتىۋىلىش تۈزۈمى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلدى. چاغان مەزگىلى بىر يىلدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدىغان مەزگىل. بىز تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر خەلق ئاممىسى رازى بولغۇدەك مۇلازىمەت قىلىشنى 1-ئورۇنغا قويدۇق. چاغان مەزگىلىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، كىملىك ئارقىلىق بېلەت سېتىۋىلىش تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان ھالدا يولۇچىلارغا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز. يېڭى مۇلازىمەتنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چاغان مەزگىلىدە بىرمۇ تاساددىبىي ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
كىملىك ئارقىلىق بېلەت سېتىۋىلىشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:
1. پويىز ئىستانسىسى ياكى ۋەكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ سېتىۋىلىش.
2. توردىن يەنى www.12306.cn تورىدىن سېتىۋىلىش.
3. 95105105 تېلىفونىغا تېلىفون ئۇرۇپ بېلەت سېتىۋىلىش.
4. توردىن بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئاپتوماتىك بېلەت ئېلىش ماشىنىسىدىن بېلەتنى ئېلىۋىلىش.
يولۇچىلار 2-ئەۋلاد كىملىكى ئارقىلىق شۇ كۈندىكى مەلۇم نومۇرلۇق پويىز بېلىتىدىن بىرنىلا سېتىۋالالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار، مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپلار كىملىكى بىلەن بىللە ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
كىملىك ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالغاندا چوقۇم نەق مەيداندا بېلەت ئۈستىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەگەر خاتالىق بايقالسا بېلەت ساتقۇچى بېلەتنى قايتۇرۇۋېلىپ، قايتىدىن بېلەت چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەگەر يولۇچىلار بېلەتتىكى خاتالىقنى كېچىكىپ بايقىسا، مەسئۇلىيىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بېلەت سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن ياكى سېتىۋالغاندىن كېيىن كىملىكىنى يوقىتىپ قويغان بولسا چوقۇم سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ۋاقىتلىق ئىسپات بېجىرىشى كېرەك.
 
 
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش