نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 645 قېتىم كۈرۈلدى
«ئېرپان» شىركىتى زور شان-شەرەپكە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-11 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئۇيغۇررادىئوتورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

«ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر.

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-يانۋار ئۈرۈمچى خەۋىرى (مۇخبىر پولات ئاماننۇرى):

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ئالىي مۇنبىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرى قۇرغان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەيدىغان كارخانىلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان «ئېرپان» شىركىتىنىڭ «ئېرپان» تاۋار ماركىسى 429 مىليون يۈەنلىك قىممەت بىلەن جۇڭخۇا ئېلېكتىرون سودا جەمئىيىتى ۋە جۇڭخۇا تاۋار ماركا ئىستىراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن «2011-يىلىدىكى جۇڭخۇا ئاز سانلىق مىللەت ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قىممىتى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ماركا» دېگەن شان-شەرەپكە ئېرىشتى.

ئىگىلىشىمچە، بۇ «ئېرپان» شىركىتىنىڭ يېقىنقى تۆت يىل مابەينىدە 3-قېتىم بۇنداق كاتتا شان-شەرەپكە ئېرىشىشى بولۇپ، «ئېرپان» ماركىسى 2008-يىلى «غەربىي رايوندىكى داڭلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى تاۋار ماركىسى» ۋە 2010-يىلى «جۇڭخۇا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئون چوڭ ئىجادىي كۈچكە باي ماركا» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

«ئېرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش