نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 829 قېتىم كۈرۈلدى
12-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ قوي گۆشى باھاسى مۇقىملاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

12-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ قوي گۆشى باھاسى مۇقىملاشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى،شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پۈتۈن دۆلەت يېزائىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزائىگىلىك بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا،ئالدىنقى مەزگىللەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا،2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى،كۆكتات،قوي كالا گۆشى،مېۋە-چېۋە،سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلغان؛باشقا تۈردىكى گۆشلەرنىڭ باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى بولغان؛تۇخۇم،سۈت تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولغان.
يەرلىك توخۇ تۇخۇمنىڭ باھاسى %0.1 ئۆرلىگەن،ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭ باھاسى مۇقىم بولغان؛باشقا تۈردىكى گۆشلەرنىڭ لوق گۆش ۋە قوۋۇرغا گۆش باھاسى %0.1 ئۆرلىگەن؛كالا پەي گۆشى،كالا قوۋۇرغا گۆشى،كالا يېڭى گۆشى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %0.5،%0.2،%0.1 ئۆرلىگەن،ئۇستىخان ئايرىلغان قوي گۆشى باھاسى %0.1 تۆۋەنلىگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،ئىلگىرى باھاسى ئۆرلىگەن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدىكى قوي گۆشىنىڭ باھاسى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ مۇقىملىشىشقا باشلىغان.2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا،2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى،ئۇستىخان ئايرىلغان قوي گۆشى،ئۇستىخان بار قوي گۆشى باھاسىنىڭ داۋالغۇش نىسبىتى %0.2 گە يەتمىگەن.ئايرىم رايونلارغا قاراپ بۆلۈشكە ئاساسلانغاندا،تەخمىنەن %60 رايونلاردىكى قوي گۆشىنىڭ باھاسى يەنىلا يۇقىرى ئۆرلىگەن،جىياڭشى،جياڭسۇ،خۇنەن قاتارلىق رايونلارنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالى بىر قەدەر ئاساسلىق بولغان،ۋە ئۆرلەش نىسبىتى %1.4 دىن %2.5 نىڭ ئارىلىقىدا بولغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش