نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 507 قېتىم كۈرۈلدى
فرانسىيە تاراتقۇسى: ياۋروپا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىز بولۇشى جۇڭگونىڭ ئېكسپورتىغا بېسىم كەلتۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 28- دېكابىر خەۋىرى: توي مۇراسىم كىيىمى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋاڭ لۇجيا (ئاھاڭ تەرجىمىسى) كېلىنچەكنىڭ خۇشاللىقىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، ئەمما يەر شارى ئىقتىسادىي كرىزىسى ئۇنىڭ جەنۇبىي جۇڭگودىكى كىچىك كارخانىسىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر داس سوغۇق سۇ سېپىۋەتتى.
ئۇنىڭ زاۋۇتى شېنجېندا بولۇپ، ئىشچىلار ئۇ يەردە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى كېلىنچەكلەرگە توي كىيىمى تىكىدۇ. ئەمما، ھازىر ياۋروپا پۇل مۇئامىلە داۋالغۇشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. ۋاڭ لۇجيا مۇنداق دېدى: چەتئەلدىكى كرىزىسنىڭ بىزگە زور زەربىسى بولدى، تىجارىتىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس.
جۇڭگونىڭ ھالقىلىق بازارلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئاستىلاپ كەتكەچكە، شېنجېندىكى شىركەتلەر تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىدى. زاكازنىڭ ئازلىشى، خام ئەشيا ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ تېز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشچىلار بەس- بەستە ئىش تاشلاپ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشى مەھسۇلاتلارنىڭ چەتئەل بازىرىدىكى باھاسىنى ئۆرلىتىپ، پايدا تۆۋەنلەپ كەتتى. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى بولغان ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ ئوسال ئىش تېخى كەينىدە بولۇشى مۇمكىن.
جۇڭگونىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2010- يىلىدىكى %31 تىن 2011- يىلى 11- ئايدا %21 كە چۈشۈپ قالدى، كېلەر يىلى داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئېكسپورت سودىگەرلىرى ئىقتىسادىي كرىزىستىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن، چەتئەلدە يېڭى بازار ئېچىش، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلىنىش ۋە يېڭى مەھسۇلات ئىزدەشتەك تۈرلۈك چارە- تەدبىر قوللاندى.
شېنجېندىكى بىر پەن- تېخنىكا شىركىتى LED ئېكرانى ئىشلەپچىقىرىشتىن تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى دەرىجەلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەردى. مال ساتقۇچى لۇ داچىڭ (ئاھاڭ تەرجىمىسى) نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھالدا زاكازنىڭ سانى ئازلىغان بىلەن، ئەمما پايدا كۆپىيىدىكەن.
ۋاڭ لۇجيا شىركىتىنىڭ 1000 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 6310 يۈەن) غا سېتىلىدىغان توي كىيىملىرىگە يېڭى بازار ئىزدەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىمپورت قىلىنغان رەختلەرنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىدىغان ئىستېمالچىلارغا يۈزلىنىشكە باشلىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش