نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 539 قېتىم كۈرۈلدى
ئاۋسترالىيە: بىز چوقۇم جۇڭگونىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا بەخت تىلىشىمىز كېرەك
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

«ئاۋسترالىيەلىكلەر گېزىتى» نىڭ تور پونكىتىدا 27- دېكابىر «جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى ئاياغلىشىشى مۇمكىن» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋسترالىيەنىڭ كەلگۈسى گۈللىنىشىنىڭ جۇڭگوغا بارغانسېرى باغلىق بولۇپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكىسىنىڭ ئىقتىسادىي كەلگۈسى پەقەتلا ئىلمي قىزىقىش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ئائىت ھەر قانداق ھەرىكەت ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 3 مىليون نوپۇسقا ئىگە داچېڭ شەھىرى چەتئەللىكلەرگە بىر قەدەر تونۇش. ئەمما ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قەد كۆتۈرۈشىدە جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يۇشۇرۇن خەۋپ ئەكس ئەتكەن.
داچىڭ شەھىرىدىكى ھەقىقىي خەۋپ ئۇنىڭغا زىيادە قۇرۇلۇش قىلىنغانلىقىدا. بۇ ئەپلەشمىگەن سانائەت شەھىرىدە جۇڭگودا دائىم كۆزگە چېلىقىدىغان تۇرالغۇ، تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قىزغىنلىقىدىن باشقا يەنە ئاز دېگەندە بەش تەنتەربىيە سارىيى، بەش مۇزېيخانا، ئىككى تىياتىرخانا، نۇرغۇن شەھەر ۋە رايون ئىمارەتلىرى ۋە مەركىزىي شەھەر خاربىنغا بىر سائەتلىكلا يول كېلىدىغان يەردە بىر يېڭى ئايرودروم بار.
بۇنىڭغا قاراپ كىشىلەر «بەتخەجلىك» تىن ئىبارەت بۇ سۆزنى ئويلاپ قالىدۇ، ئەمما يەرلىك كىشىلەر بۇنداق قارىمايدۇ. داچېڭدىكى سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار بۇ ئەھۋالنى يەرلىك كۈچلۈك ئىگىلىكنىڭ شاھىدى ۋە بۇ شەھەرنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا تاشلانغان ئىشەنچ بېلىتى دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچىسى ۋە ئولۇغۋار ئىرادىسى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى كۆز يېشىلا بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز يېشى قىلىدىغىنى پەقەت جۇڭگولۇقلار بولماسلىقى مۇمكىن.
ماركىسىزمدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «ئېھتىياج يېتىشمەسلىك» جۇڭگو ئىقتىسادى «ئاكىللېس تاپىنى» غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. جۇڭگولۇقلار دۇنيادىكى پۇل يىغىشقا ئەڭ خۇشتار كىشىلەرنىڭ بىرى، جۇڭگودا ئۈنۈملۈك بولغان پاراۋانلىق سىستېمىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۆزىگە تايىنىش ھېلىھەم جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى دەپ قارالماقتا. ئۇنداقتا كىم تۇرالغۇ بىنالارنىڭ ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دۇكانلاردىن مال سېتىۋالىدۇ ياكى كىم بۇ دۇكانلارنى ئىجارىگە ئالىدۇ؟ كىم بۇ دۇكانلارنىڭ ئۈستىدىكى زور تۈركۈمدىكى يېڭى ئۆيلەرنى سېتىۋالىدۇ ياكى ئىجارىگە ئالىدۇ؟
جۇڭگولۇقلار ئۆي جايغا نىسبەتەن ئىنتايىن زور ئەمما بېسىلىپ قېلىۋاتقان ئېھتىياجى بار. مەسىلە شۇكى ئاۋامنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى ئۆي سېتىۋالالمايدۇ. جۇڭگودىكى ئىجتىمائىي ئادىللىق مەسىلىسى غەربكە قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن. گەرچە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن زور بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن جۇڭگولۇقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئارزۇسى تېخى قاندۇرۇلغىنى يوق. غەربكە سېلىشتۇرغاندا، ئاۋامنىڭ كۈتۈلمە قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى جۇڭگوغا تېخىمۇ چوڭ خىرىس كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
بۇ ئەھۋال داچىڭدىكى ئاقىل زاتلارغا بەش قولدەك ئايدىڭ. ئۇلار مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باشقىچە تەدبىر قوللىنىدۇ. ئەمما بىز چوقۇم ئۇلارغا بەخت تىلىشىمىز كېرەك. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھازىر ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىرى بىر بولۇپ قالدى، ئەگەر جۇڭگودىكى ئەسەبىيلەرچە قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز توختاپ قالسا، بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئاۋسترالىيەنىڭ چوڭ- كىچىك شەھەرلىرىدە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئازابنى ھېس قىلالايمىز.
(بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى مارك بىسون، ۋاڭ خۈيسۇڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان)
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش