نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1074 قېتىم كۈرۈلدى
لېۋىرپول ساھىپخان مەيداندا نېۋكاسىر كوماندىسىنى ئۇتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۈگۈنكى مۇسابىقىدە جىرادى 2 توپ كىرگۈزدى
 

3Www.AnAdiyar.Cn

ئىككى تەرەپ توپچىللىرى تىركەشمەكتە

 

 

 

31-دىكابىر سەھەر سائەت 3 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان،ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل كۇلۇپلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 19-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە،لېۋىرپول كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا نېۋكاسىر كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا،لېۋىرپول توپچىسى رەقىبىگە بىر خائىن توپ سوۋغا قىلدى.كىيىنكى يىرىم مەيداندا لېۋرپول كوماندىسىدىن بىلامى بىر ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،نومۇرنى تەڭلەشتۈردى،كىيىن يەنە جىرادى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ،نېۋكاسر كوماندىسىنى 3-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.ھازىر لېۋىرپول كوماندىسى 19 ئايلانما مۇسابىقىدە 34 نومۇر بىلەن 5-ئورۇندا تۇرماقتا.
نېۋكاسىر كوماندىسى 1993-1994 مۇسابىقە پەسلىدە،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۈزۈپ چىققاندىن بۇيان،ئىككى كوماندا جەمئى 35 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ،لېۋىرپول 21 مەيدان ئۇتۇش،6 مەيدان تەڭلىشىش،8 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن روشەن ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش