نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 466 قېتىم كۈرۈلدى
جوبز بۇرۇن چاقچاققا ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىتېۋې جوبز(Steve Jobs) ئالما شىركىتىنى قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە «چاقچاقخۇمار كىشى» دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان ئىكەن.

ھۆججەتتە 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا سىنئالغۇغا ئېلىنغان شىركەت خىزمەتچىلىرىنى ئىچكى قىسىمدا زىيارەت قىلغان فىلىم بار بولۇپ، زىيارەتتە ۋوزنياك بىلەن جوبز كرېمنىي جىلغىسىدىكى تۇنجى ئىجادىي مىنۇتلارنى، يەنى ئۇلارنىڭ 35 يىل ئىلگىرى ئالما شىركىتىگە قانداق قىلىپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئەسلەشكەن.

ۋوزنياك مۇنداق دەيدۇ: «ئېسىمدە قېلىشىچە بىز شۇ چاغدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ئىدۇق، جوبز تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ بىر ئىسىمنى ئېسىگە ئالغانلىقىنى، ئۇنى ئالما كومپيۇتېرى دەپ ئاتىساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا قويغىلى يەنە نۇرغۇن ئىسىملارنى ئويلىغان بولساقمۇ، بۇنىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك ياخشى ئىسىم تېپىلمىدى.» جوبز ئاندىن تولۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە تېخى Atari شىركىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتلارنى ئەسلىيەلەيمەن.»

بىراق 1997-يىلى جوبز شىركەتكە قايتىپ ئۇزۇن ئۆيمەيلا ئالمىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ھۆججەتنى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كرېمنىي جىلغىسى ئارخىپ ئىشخانىسىغا ساقلاشقا ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرگەن.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كرېمنىي جىلغىسى ئارخىپ ئىشخانىسىنىڭ تۈرلەر تارىخشۇناسى Leslie Bérlin مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئارخىپلار ئارقىلىق سىز شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەتقىق قىلالايسىز، تۈرلۈك ھۆججەتلەر سىزنى ئالما شىركىتىگە باشلاپ كىرىپ، ئالما شىركىتىدە زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېرىيال ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى Henry Lowood مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالما شىركىتى كۆپ دەۋرلىك تېخنىكا ئارقىلىق مەۋجۇد بولۇپ قالغان. جوبز شىركەتكە قايتىپ قايتىدىن شىركەتنىڭ باش ئىجرائىي ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، ئالما كارخانا مۇزېي پىلاندىن ۋاز كېچىپ، مالىيە جەھەتتىن قىسىلغان شىركەتنى تەرتىپكە سېلىشقا باشلىغان. جوبزنىڭ قايتىپ كېلىشى سودا ساھەسىدىكى قايتا گۈللىنىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.

بۇ ئارخىپتا جوبز بىلەن ۋوزنياكنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى سۈرەتلىرى، تۇنجى ئىشلىگەن ئالما كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى، ژۇرنالدىكى ئېلانلار، تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى، شىركەتنىڭ مايكىلىرى ۋە جوبز ئەپەندىنىڭ سۆز قىلغان سۈرەتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار يەنە ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى مەھسۇلات Apple Iنىڭ 1976-يىلى سېتىلىشقا باشلىغانلىقى، سېتىش باھاسىنىڭ 666.66ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش