نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 854 قېتىم كۈرۈلدى
ئاندىروئىد ئۈچۈن ئىشلەنگەن Siri پروگراممىسى ئالدامچىلىق ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

Offical App گۇرۇپپىسى تارقاتقان Siri For Android ناملىق پىروگرامما تۇيۇقسىزلا Android Market دۇكىنىدا پەيدا بولۇپ قالغان.بۇندىن ئىلگىرى گۇگېل شىركىتى ئىچكى قىسىمدا مەخپى تۈردە ئالما شىركىتىنىڭ Siri تىخنىكىسىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئاۋاز پەرق ئېتىش سېستىمىسى Majel نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دىگەن گەپ-سۆزلەر تارقالغان ئىدى،ئەجەبا،ئاندىروئىد دۇكىنىدىكى بۇ Siri For Android پىروگراممىسى گۇگېل تەتقىق قىلىپ چىققان ئاۋاز پەرق ئېتىش سېستىمىسى شۇمىدۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ Siri تىخنىكىسى ئاندىروئىدقا كۆچۈرۈپ كىلىنىپتۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى،بىراق،ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئالدامچىلىق بولۇپ،Siri For Android دىگىنى پەقەت ئادەتتىكى قوللىنىشچان پىروگرامما بولۇپ،ئىچكى قىسمىغا گۇگېلنىڭ Voice Actions تېخنىكىسى سەپلەنگەن ئىكەن.
كۆپچىلىكنىڭ ئالدىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن،بۇنى ئىشلىتىپ باققان كىشىلەر قەستەن ھالدا ئۇنىڭغا ئىنتايىن تۆۋەن باھا بەرگەن،بىراق يىڭى ئابونتلار ئۇنىڭ ئىسمىغا قاراپ قىزىققىنىدىن چۈشۈرۈپ سىناپ باققان بولغاچقا،ھازىرغىچە چۈشۈرۈلىشى 1000قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن.
ئىگەللىنشىچە،بۇ پىروگراممىنى ئىشلىگۈچى شىركەت يەنە بىر ئاتالمىش ھەقىقىي نۇسخىدىكى قوللىنىشچان پىروگرامما Pinterest نىمۇ تارقاتقان بولۇپ،رەت-تەرتىپى ئالدىنقى 10مىڭنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغان.بۇ پىروگراممىمۇ بىر ئالدامچىلىق بولۇپ،قوزغىتىلغاندىن كىيىن،Pinterestتوربىكىتىگە كىرىپ كىتىدىكەن،ئەمما كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن.
گۇگېل شىركىتى ئاندىروئىد پىروگراممىلىرى دۇكىنى Android Market غا بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ئانچە قاتتىق بولمىغاچ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ساختا،ناچار پىروگراممىلارنى توختىماستىن ئىشلەپ چىقىۋاتقان ئىكەن.
نۆۋەتتە،گۇگېل تەرەپ بۇ ئىش ئۈچۈن چۈشەنچە بىرىشكە تەمشىلىۋاتقان ئىكەن.


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش