نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 511 قېتىم كۈرۈلدى
Android ئەسلىدە بىر «غەلىتە بالا» ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

ئاندىروئىد(Android) سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە مەنىسدە ئەسلىدىنلا "ماشىنا ئادەم"،"ئەر" دىگەندەك مەنىلەر بار ئىكەن.ھالبۇكى،ئاندىروئىد ماركىسىدىكى يىشىل رەڭلىك ماشىنا ئادەم ئوبرازى دەل ئۇنىڭ بىر ئادىمىيلەشتۈرۈلگەن خاسلىققا ئىگە مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.

يىقىندا،كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتالى BlueStacks نى ئاچقۇچىلار "2011-يىلىدىكى ئاندىروئىد سانلىق مەلۇماتلىرى سىتاتسىتىكىسى"غا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ،ئاندىروئىدنىڭ زادى قانداقراق بىر "ئەر" ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ چىققان.

بۇ تەسۋىرى سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە،ئاندىروئىد ئەپەندىنىڭ چىچىنىڭ 47 پىرسەنتى قارا بولۇپ،كۆزەينەك تاقاش نىسبىتى37پىرسەنت ئىكەن؛ئۇنىڭ شىمالىي ئامىرىكلىق بولۇش نىسبىتى36پىرسەنت،يۈزىگە سەپكىن چىقىپ قىلىش نىسبىتى30پىرسەنت ئىكەن؛ئۇ 70پىرسەنت ۋاقىتلاردا كالتە يەڭ مايكىلارنى كىيىپ يۈرسە،ئاستىنقى قىسمىغا پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ يۈرىدىغان ۋاقتى62 پىرسەنتكە توغرا كىلىدىكەن؛ئادەتتە، ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئاران 38پىرسەنت ۋاقىتىنى ئىگىلىسە،ئويۇن ئويناش ۋاقتى ئەكسىچە62پىرسەنتنى ئىگەللەيدىكەن،ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 582مىگابايتلىق ئېقىمنى ئىشلىتىۋىتەلەيدىكەن.

مۇنداقچە ئىيتقاندا،ئاندىروئىدنى تىپىك ھالدىكى Geek يەنى غەلىتە بالا دىيىشكە بولىدىكەن.

android

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش