نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 475 قېتىم كۈرۈلدى
نىيۇيوركتىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 خىزمەت ئورنى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىغان پۇل-مۇئامىلە مەركىزى،ئاخبارات مەركىزى ۋە سەنئەت مەركىزى قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا،نىيۇيورك پەن-تىخنىكا ساھەسى كىشىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس،ئەمەلىيەتتە،نىيۇيورك ئۆزىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىگە تايىنىپ،كۈنسىرى تەرەققىي قىلىپ،ئامىرىكا پەن-تىخنىكا كەسپىنىڭ يىڭى مەنزىلىنى بارلىققا كەلتۈردى.نىيۇيورك شەھىرى نىيۇيوركنى شەرقىي قىرغاقتىكى يىڭى سېلكىن ۋادىسىغا ئايلاندۇرۇشنى،كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سېلكىن ۋادىسى بىلەن تىركىشەلەيدىغان،ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشەلەيدىغان،دۇنيا پەن-تىخنىكا ساھەسىدىكى" يىڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر شەھەرچىسى"گە ئايلاندۇرۇشنى كۆزلىمەكتە.
گۇگېل ۋە Twitter غا ئوخشاش خەلىقئارالىق داڭلىق پەن-تىخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك نىيۇيورك شەھرىدە ئىشخانا بىنالىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ،نۆۋەتتە،Facebook شىركىتىمۇ نىيۇيوركتا يىڭىدىن ئىشخانا بىناسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،تۇنجى ئاشكارا پايچىكى (IPO)نى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇن،Facebook تىخىمۇ كۆپ ئىقتىساسلىقلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا مۇھتاج بولىدىكەن،ھالبۇكى،نىيۇيورك شەھىرى دەل مۇشۇنداق ئىقتىساسلىقلار ۋە تالانتلىق كىشىلەر توپلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ.
يىقىندا بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى يېغىپ،تەھلىل قىلغاندىن كىيىن،نىيۇيورك شەھرىدىكى پەن-تىخنىكا خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇئاش-تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ-رەتلەپ چىققان.تۆۋەندىكىسى نىيۇيوركتىكى مۇئاشى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 خىزمەت ئورنى ئىكەن:
1.Rudy پىروگراممىرى:يىللىق مۇئاشى 106667دوللار
2.سېتىش ئىنژىنىرى: يىللىق مۇئاشى 106500دوللار
3.Java پىروگراممىرى: يىللىق مۇئاشى 104500دوللار
4.تور ئېنژىنىرى: يىللىق مۇئاشى 103750دوللار
5.Python پىروگراممىرى: يىللىق مۇئاشى 103333دوللار
6.مەھسۇلات دېرىكتورى: يىللىق مۇئاشى 97500دوللار
7.PHP پىروگراممىرى: يىللىق مۇئاشى 96071دوللار
8.سېتىش دېرىكتورى: يىللىق مۇئاشى 86250دوللار
9.كۆچمە تور ئېنژىنىرى: يىللىق مۇئاشى 85000دوللار
10.تۈر دېرىكتورى: يىللىق مۇئاشى 78333دوللار
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش