نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 490 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2011-يىلى توپلىغان خەير ساخاۋەت پۇلى 80مىليون يۈەندىن ئاش ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 30-دېكابىر تېلگراممىسى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 30-دېكابىر، 2011-يىلى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى كەڭ ئىجتىمائىي بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا توپلىغان خەير ساخاۋەت پۇلى 80مىليون يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئاشكارلىدى.

شۇ كۈنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى2-نۆۋەتلىك 5-قېتىملىق مۇدىرىيەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇئاۋىن مۇدىر قوشۇمچە باش كاتىپ لىن بوچېڭ مۇدىرىيەتكە يىللىق خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە، 2011-يىلى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى جەمئىي توپلىغان مەبلەغ 82مىليون500مىڭ يۈەن بولۇپ، كونىچە جۇڭگو پاراۋانلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا جۇڭگو تىبابىتى تەرەققىيات مەخسۇس فوندى، جۇڭخۇا داۋالىنىش ساخاۋەت فوندى، جۇڭخۇا ياشانغانلار مەدەنىيەت مائارىپ فوندى، شىمالى قىشلاق تەرەققىيات فوندى، جۇڭخۇا پاراۋانلىق تەشۋىق-تەربىيە فوندى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىن بوچېڭ يەنە 2012-يىلى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس فوندىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ يوللۇق، جەمئىيەتلەشكەن مەبلەغ توپلاش مىخانىزىمىنى قۇرۇپ، يىللىق توپلىغان مەبلەغنى 100مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش نىشانىنى، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە بېقىش، نامرات رايونلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئېچىش، ئاياللار ۋە بالىلار، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيىسىنى ۋە ئېنىق ئىنسانى ھوقۇق ئەۋزەللىكىگە ئىگە پاراۋانلىق تۈرلىرىنى پىلانلاپ، ئىنسانى ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش