نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 402 قېتىم كۈرۈلدى
دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى توردا كوللىكتىپ سېتىۋېلىش بازىرىنى تەرتىپكە سا ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى توردا كوللىكتىپ سېتىۋېلىش بازىرىنى تەرتىپكە سالىدۇ
شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرى:نۆۋەتتىكى توردا كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىققا قارىتا،دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەرقايسى كوللىكتىپ سېتىۋېلىش تورلىرىدىن كوللىكتىپ سېتىلىدىغان ماللارنىڭ سۇپىتى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە بولغان تەكشۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشنى ھەمدە سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۇرۇشىگە ئاكتىپ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.2012-يىلى توردا كوللىكتىپ سېتىۋېلىشقا قارىتا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش،نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرۇي باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن ئىگەنلىشىچە،يېقىنقى 2يىلدىن بۇيان توردا كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم توردا كوللىكتىپ سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرىنىڭ قارىغۇلارچە كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ئىشەنچ كەمچىل بولۇش،باھادا ئالدامچىلىق قىلش مەسىلىلىرى ساقلىنىپ،ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرز شىكايەتلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسى ئالدىنقى كۇنى ئىلىكتىرونلۇق سودا تور بېكەت مەسئۇللىرى يىغىنى ئېچىپ،ھەرقايسى كوللىكتىپ سېتىۋېلىش تورلىرىدىن كوللىكتىپ سېتىلىدىغان ماللارنىڭ سۇپىتى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە بولغان تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ،مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت سۇپىتىنى چۇشۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،توردا كوللىكتىپ مال سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ ،توردا كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىش دېگەن نامدا ساختا ،ناچارمەھەسۇلاتلارنى سېتىش ،ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۇز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ،سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۇرۇشىگە ئاكتىپ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بازار باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ،2012-يىلى تورسودىسىنى باشقۇرۇپ،نازارەت قىلىش نىزامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تۇزۇلۇپ،توردا كوللىكتىپ مال سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ،تور سودىسىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش مىخانىزىمى مۇكەممەللەشتۇرىلىدۇ دېدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش