رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
2011-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئومۇمى كىرىمى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن بولغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

 

 

2011-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئومۇمى كىرىمى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن بولغان
ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئەمگەك كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،مۆلچەرلىنىشىچە بەش تۈردىكى ئىجتىمائىي كاپالەت ئومۇمى كىرىمى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن بولغان ۋە ئۆتكەن يىلدىكىدىن %24.7 ئۆرلەپ كەتكەن؛ئومۇمى چىقىم 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولغان بولۇپ،ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5 ئاشقان.جۈنۋېينىڭ دېيىشىچە،پەرەز قىلىنىشىچە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا،پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى بېقىنىش،داۋالىنىش،ئىشسىزلىق،خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش،تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ سانى ئومۇمى سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 280 مىليون،468 مىليون،142 مىليون،174 مىليون،138 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن،ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئومۇمى يىللىق پىلان ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.
جۈنۋېينىڭ دېيىشىچە،جۇڭگو بۇ يىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان گۇرۇھ ۋە شىركەتلەرنىڭ خادىملىرىغا نىسبەتەن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئاساسى جەھەتتىن ئورۇندىغان.5 مىليون ۋەيران بولغان ئورۇنلاردىكى پېنسىيىگە چىققان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كاپالىتى ئاساسى جەھەتتىن ئورۇندالغان،3 مىليوندىن ئارتۇق خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغانلار خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشكەن.ھەمدە جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش خىزمىتى قوزغىتىلىشىغا باشلىغان.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ،ئىجتىمائىي كاپالەت مۇئامىلە سەۋىيىسى مۇقىم ئاشقان.7 يىل ئۈزلۈكسىز كارخانا ئورۇنلىرىدىكى پېنسىيىگە چىققان كىشىلەرنىڭ ئاساسى بېقىنىش سۇغۇرتىسى،پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئايلىق ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى 1531 يۈەنگە يەتكەن.شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش مالىيە تولۇقلىما پۇلى ھەر يىلى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 120 يۈەندىن ئۆرلەپ 200 يۈەن بولغان،سىياسەتنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ياتاقتا يېتىپ داۋالانغانلارنىڭ چىقىمىنىڭ قايتۇرۇلۇش سەۋىيىسى يەنە بىر قەدەم ئاشقان.ئىشسىزلىق سۇغۇرتا كاپالەت چىقىمى ئۆلچىمى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ھالىتى ئۆز-ئارا بىرلەشكەن بولۇپ،20 ئۆلكە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان.
پەرەز قىلىنىشىچە يىل ئاخىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە ئاتلىغان ئالمىشىش ئەھۋالى 720مىڭ ئادەم قېتىم بولغان،ئۆلكە ئاتلاپ مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمى سانى 440 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان.%95 دىن يۇقىرى بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بىۋاسىتە ھالدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ھېسابات قىلغان بولۇپ،27 ئۆلكە ئىچىدە ئۆلكە ئاتلاش سۇغۇرتا ھېساباتى بېجىرىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا،ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەرەققىياتى ئاساسى جەھەتتىن تۇللۇق ئورۇندالغان،پەرەز قىلىنىشىچە يىل ئاخىرغىچە،پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرگەنلەرنىڭ سانى 19 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن،ۋە ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن 87 مىليون يۈەن ئارتۇق بولىدىكەن،ھەمدە ئىقتىساد ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىشلىتىلىشنىڭ كېڭىيىشى ۋە خەلققە قۇلايلىق يارىتىلىش نىشانى كۈندىن-كۈنىگە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
جۈنۋېينىڭ دېيىشىچە،پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 24 ئۆلكە ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن بولۇپ،ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %22 بولغان.پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 31 ئۆلكە ئىچىدە كارخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلغان.27 ئۆلكە 2011-يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش كۆرسەتكۈچ سىزىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئاساسى ئۆلچەم سىزىقى %14 نىڭ يۇقىرىسىدا بولغان

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203