نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 454 قېتىم كۈرۈلدى
24 ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە تەڭشەش ئېلىپ باردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

24 ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە تەڭشەش ئېلىپ باردى
ئىجتىمائىي كاپالەت ئومۇمى كىرىمى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛كېلەر يىلى جارى قىلدۇرۇلىدىغان ئۈچ تۈردىكى كەسپى خادىملارنىڭ كەسپىگە نىسبەتەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىكەن. پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 24 ئۆلكە ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن بولۇپ،ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %22 بولغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا،مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئەمگەك كاپالەت يىغىنى ئېچىلىدىكەن. ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئەمگەك كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،مۆلچەرلىنىشىچە بەش تۈردىكى ئىجتىمائىي كاپالەت ئومۇمى كىرىمى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن بولغان ۋە ئۆتكەن يىلدىكىدىن %24.7 ئۆرلەپ كەتكەن؛ئومۇمى چىقىم 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولغان بولۇپ،ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5 ئاشقان.جۈنۋېينىڭ دېيىشىچە،پەرەز قىلىنىشىچە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا،پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى بېقىنىش،داۋالىنىش،ئىشسىزلىق،خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش،تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنىڭ سانى ئومۇمى سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 280 مىليون،468 مىليون،142 مىليون،174 مىليون،138 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن،ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئومۇمى يىللىق پىلان ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.پەرەز قىلىنىشىچە يىل ئاخىرىدا،پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە ئاتلىغان ئالمىشىش ئەھۋالى 720مىڭ ئادەم قېتىم بولغان،ئۆلكە ئاتلاپ مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمى سانى 440 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان.%95 دىن يۇقىرى بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بىۋاسىتە ھالدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ھېسابات قىلغان بولۇپ،27 ئۆلكە ئىچىدە ئۆلكە ئاتلاش سۇغۇرتا ھېساباتى بېجىرىلگەن.
جۈنۋېينىڭ دېيىشىچە،پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 24 ئۆلكە ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەن بولۇپ،ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %22 بولغان.پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 31 ئۆلكە ئىچىدە كارخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلغان.27 ئۆلكە 2011-يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش كۆرسەتكۈچ سىزىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئاساسى ئۆلچەم سىزىقى %14 نىڭ يۇقىرىسىدا بولغان. جۈنۋېينىڭ دېيىشىچە،دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ،شىنجىن ئۆلكىسى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ خىزمىتىنى بۆلەككە بۆلۈپ باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى ۋە ھەر قايسى رايونلارنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى ئورنىتىلغان،باج ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئاكتىپ باشقۇرۇش،سودا-سانائەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى،دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى مەمۇرى باشقۇرۇش ۋە كەسپى تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى ئورنىتىلغان،ۋە دۆلەت مەمۇرلىرىنى تۈرلەرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش ۋە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئورنىتىش قاتارلىقلار تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
جۈنۋېينىڭ كۆرسىتىشىچە،كېلەر يىلى دۆلىتىمىز بۆلەككە بۆلۈپ باشقۇرۇش كەسىپلەشتۈرۈش ئىسلاھات تۈزۈمى يېتەكلەش پىكرىنى ئورنىتىدىغان بولۇپ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئورنى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى كېڭەيتىلىدىكەن،تېخنىكا خادىملىرى،بوغالتىر،تېخنىكا مەكتىپى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلىش تۈزۈمى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلىدىكەن.
پەرەز قىلىنىشىچە يىل ئاخىرىدا،پۈتۈن مەملىكەت شەھەر بازارلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 12 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ،شەھەر بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.6 دىن تۆۋەن بولۇپتۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش