نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 436 قېتىم كۈرۈلدى
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى 6.3 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

ئاشكارىلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى جۈمە كۈنى 2005-يىلى پېرېۋوت ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان، يەنى 6.30 يۈەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، باھاسى 6.2940 يۈەن بولغان بولۇپ، بۇ يىلى جەمئىي %4.7 ئۆسكەن. چەتئەل بازارلىرىنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر مۇقىم بولغان، خەلق پۇلىنىڭ يۈزلىنىشى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان بولۇپ، مەركىزى بانكىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش مۇددىئاسى ئېنىق ئىپادىلەنگەن.
شاڭخەيدىكى بىر بانكا خادىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چەتئەل بېسىمىنىڭ تەسىرىدىن، مەركىزى بانكا مەقسەتلىك ھالدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاكتىپ ئۆستۈرگەن. ئامېرىكا دوللىرى ھەمدە ياۋرونىڭ يۈزلىنىشى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ ئارا باھاسى تەخمىنەن 150 نۇقتا يۇقىرى بولغان، مەقسەت ناھايىتى ئېنىق.
بۈگۈنكى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇش باھاسى 6.2940 يۈەندە يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى باھا بولۇپ قالغان.
2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇشى 2009-يىلى ئاساسەن مۇقىم بولغان، 2010-يىلى 6-ئايدىكى مەركىزى بانكىنىڭ ئېلان قىلىپ قايتا ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئەگىشىپ، خەلق پۇلى يەنە ئېشىپ بارغان، شۇ يىلى %3.6 ئاشقان.
گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن، خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش مۆلچىرى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ، كېلەر يىلى ئىككىنچى پەسىلدىن باشلاپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ، 2012-يىلى مەملىكەت بويىچە خەلق پۇلىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %3—0 ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش