نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1645 قېتىم كۈرۈلدى
خەلئارا بوكىس سەھنىسىدە چاقنىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

زۇلپىقار مەمەتئېلى 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكىت ناھيىسىدە بوكىس تىرنىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، زۇلپىقار ئاتا ئانىسىنىڭ كۈچلىك تەسىرى ۋە ئۆزىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىسىدا 2005-يىلى 10 ياش ۋاختىدا شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىغا تاللانغان، ئۈزلىكسىز جاپالىق مەشىق تۈرۈتكىسىدە 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسى 38 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ، بوكىس ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان. تەبئې بوكىس تالانتى بىلەن 2008-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ بوكىس كاماندىسىغا تاللانغان، زۇلپىقار ھارماي تالماي مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ 2010-يىلى شىنجاڭ 12-نۆۋەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر بوكىس تەنەركەت مۇسابىقىسى 60 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيۇن بولغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 8 دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ شىنجاڭ كاماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ 69 كىلو گىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا مىس مىدالغا ئىرىشكەن. 16 ياشلىق زۇلپىقارنىڭ بوكىس مەيدانىدىكى چاققانلىقى، ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى، چىدامچانلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرلىقى تىرنىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ھەم كەڭ تاماششىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى. تىرنىرلار زۇلپىقارغا چوڭ ئۈمۈت باغلاپ 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە ئۆتكۈزگەن خەلقارالىق 12 دۆلەت بوكىس مۇسابىقىسىگە جۇڭگۇ شىنجاڭ كاماندىسىغا ۋاكالەتەن قاتناشتۇردى، زۇلپىقار بۇ قېتىمقى خەلئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۈتكۈل ماھارىتىنى ئىشقا سىلىپ بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۇبا ماھىرىنى 12:6 نۇمۇر پەرقى بىلەن يېڭىپ چىمپىيۇنلىققا ئىرىشىپ 3-قېتىملىق ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۇردى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن ماھىر» دىگەن شان-شەرەپكە ئىرىشتى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش