نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 826 قېتىم كۈرۈلدى
ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە جۇڭگو بويىچە داڭلىق ماركىدىن تۆتى بارلىققا كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -09
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان 2011 - يىللىق 2 - تۈركۈمدىكى جۇڭگو بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆت داڭلىق تاۋار ماركىسى بار ئىكەن.

   بۇ يىل 5 - ئايدا، دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىسى تىزىملىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «تيەنخۇ» قۇلمىقى، «كىرورەن» ئۈزۈم ھارىقى، «گۇچېڭ» ئاق ھارىقى، «فۇچۈەن» ئۇرۇقلۇقى قاتارلىق تۆت خىل ماركىسى جۇڭگو بويىچە داڭلىق ماركا دەپ بېكىتىلگەن. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2 - تۈركۈمدىكى جۇڭگو بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يۈنا» ماركىلىق تۆگە (قوي) يۇڭى يوتقىنى، «شياڭدۇ» ئۈزۈم ھارىقى، «خوتەن قاشتېشى سوقا چىلىنى»، «شياۋچۇ» جياڭيۇسى، ئاچچىقسۈيى، پىرەنىكى قاتارلىق تۆت خىل تاۋار ماركىسى جۇڭگو بويىچە داڭلىق تاۋار ماركىسى، دەپ بېكىتىلگەن.             ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داڭلىق ماركا ئومۇمىي سانى 23كە يەتكەن.

       ماركا ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئۆكتەبىردە «ماركا ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ماركا ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو بويىچە داڭلىق ماركا ۋە شىنجاڭ بويىچە داڭلىق ماركا ياراتقان كارخانىلارنى بىر قېتىمدىلا 500 مىڭ يۈەن ۋە 200 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغان بولدى.

 

 

مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش