نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 1145 قېتىم كۈرۈلدى
گىرمانىيەدە يولۋاسقا سۈنئىي بوغۇم كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -01
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

گىرمانىيە لېيپزىگ ئونۋىرسىتىنىڭ  بىر تۈركۈم مال دوختۇرلىرى بىر چىشى يولۋاسنىڭ ساغرا قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بىر سۈنئىي بوغۇم ئالماشتۇرغان، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى قېتىم يولۋاسقا سۈنئىي بوغۇم ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
30-يانۋاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گىرمانىيەدىكى خارى ھايۋاناتلار باغچىسىدا "قىزچاق" ئىسىملىك 8 ياشلىق بىر يولۋاس بار بولۇپ، يېقىندىن بېرى "قىزچاق"نىڭ ساغرا قىسمى بۇغۇم ياللۇغى سەۋەبىدىن قاتتىق ئاغرىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن لېيپزىگ ئونۋىرسىتىدىكى دوختۇرلار بۇ يولۋاسقا سۈنئىي بۇغۇم كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى قارار قىلغان.
بۇ خىل ئوپېراتسىيىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلى يۇقىرى بولۇپ، 3 سائەتلىك ئوپېراتسىيە جەريانىدا "قىزچاق" يولۋاستا يۈرەك سوقۇشى توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن، گەرچە ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە 6 ھەپتە جىددىي كۈزۈتۈش كېرەك ئىكەن.
ئەگەر بۇ يولۋاس مۇۋاپىقىيەتلىك ئەسلىگە كېلەلىسە، بۇ خىل سۈنئىي بۇغۇم ئۇنىڭغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمرا بولالايدىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش