نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1925 قېتىم كۈرۈلدى
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 23-نۆۋەتلىك «ئېكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -22
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:(پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل تۇرسۇن)
پايتەخت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتا تەنتەربىيە يىغىلىشلىرىدىن بىرى بولغان 2011-يىللىق «ئېكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 22-ئۆكتەبىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا خوجا سۆز قىلدى ھەمدە تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئۈچۈن توپ باشلاپ بەردى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى بىر مەيدان قىزغىن ساما ئويناپ، توپچىلارغا مەدەت بەردى.
ئىگىللىنىشچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇسابىقىگە بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن جەمئىي 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن تۆت كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن، تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئۆتكۈزگەن بۇ مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ناھايىتى ئىنچىكە، تەرتىپلىك، پىلانلىق ئىشلەنگەن بولۇپ ، مۇسابىقە تەشكىللەش جەھەتتە خېلى مۇكەممەل سەۋىيەنى ياراتقان. مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ۋە بېيجىڭدىكى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر، كارخانىچىلار ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ قوللىدى.
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
ساما بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە باشلاندى
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش