نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 595 قېتىم كۈرۈلدى
ئوباما جوبىسنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

5-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئالما شىركىتى تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە جوبىسنىڭ ۋاپات بولغان سۈرىتىنى چىقاردى، ھەمدە بۇ قالتىس ئادەمنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. جوبىسنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بىر بايانات ئېلان قىلىپ 56 ياشلىق جوبىس ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا خاتىرجەم بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى دېدى.

جوبىس ئامېرىكا كىرېمنىي جىلغىسىدىكى بىر قالتىس ئادەم، ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1997-يىلى ئالما شىركىتى داۋالغۇش ھالىتىدە قىلىپ، تاقىلىپ قالاي دېگەنىدى، بۇ چاغدا جوبىس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپ، 10 يىلدىن ئارتۇق ئاجايىپ تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى. ئۇ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ ئايفون ۋە ئايپەد قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار جۇڭگولۇق ئىستىمالچىلارغىمۇ ناھايىتى تونۇش.

باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنت ئوباما 5-ئۆكتەبىر ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىدىن بىرى بولغان، ئالما شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جوبىسنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، ھەمدە جوبىسنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ يېڭىلىق ياراتقۇچىلاردىن بىرى دەپ ماختىغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش