نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 581 قېتىم كۈرۈلدى
خۇ جىنتاۋ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ساركوزى بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -26
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ساركوزى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، دۇنيانىڭ ئىقتىسادى، پۇل-مۇئامىلە ۋەزىيىتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىشلىرى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

خۇ جىنتاۋ جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش ياخشى ۋەزىيىتى شەكىللەندى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، يادرو ئېنېرگىيەسى، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ دوستلۇقىنى تېخىمۇ چىڭىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ۋە دۇنياۋى قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە خېيىم- خەتىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
ساركوزى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىمەكتە. ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. فىرانسىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدىن رازى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ساركوزى مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىدىكى زور مەسىلىلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن زور مەسىلىلەر ئۈسىتىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، گانا باشلىقلار يىغىنىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : 2012 ئەسلى مۇنداق

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش