نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 648 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -26
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە رايونىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى ۋۇ سىكې تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بىز پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايمىز. پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىق سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
ۋۇ سىكې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى زور ئۆزگۈرۈشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. لېكىن بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى توغرا يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
يېقىندا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە قارىتا، ۋۇ سىكې مۇنداق دېدى: بىز پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى دەرھال تىنچلاندۇرۇپ، سۆھبەتلىشىشكە ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:2012 ئەسلى مۇنداق

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش