نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1341 قېتىم كۈرۈلدى
«بوكس شاھى» لىقتىن مۇنەۋۋەر ترېنېرلىققىچە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -25
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

1996-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە «بوكس پادىشاھى» دەپ نام ئالغان لى جيەنخۇانى تۆتكە قارشى 12 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان ئابدۇشۈكۈر مىجىت قىسقىغىنە سەككىز يىللىق بوكس ھاياتىدا 16 ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا زور شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى چىدام، غەيرەت، سۇنماس ئىرادە ۋە نۇرغۇن قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن...

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
ئابدۇشۈكۈر مىجىت 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى قورغاس ناھىيەسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ناھىيەسىدە ئوقۇغان. 1989-يىلى ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ بوكس كوماندىسىغا تاللانغان. تەنتەربىيە كومىتېتى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ بوي-بەستى ۋە مەشىقتىكى ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان. ئۇ تەشكىلنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا شىنجاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپلىگەن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلىغان. 1993-يىلى مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 

ئابدۇشۈكۈر مىجىت (سولدا)

 

1994-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسى رەسمىي قۇرۇلغاندا، ئابدۇشۈكۈر مىجىت شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بىردىنبىر كەسپىي بوكسچى بولۇپ قالغان. 1994-يىلى مەملىكەتلىك رايونلارغا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي-شىمال مۇسابىقە رايونىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى مەملىكەتلىك رايونلارغا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي-جەنۇب، غەربىي-شىمال مۇسابىقە رايونىدا ئالتۇن مېدالغا، شۇ يىلى يەنە مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، مەملىكەتلىك بوكس ماھىرلىرى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1996-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1997-يىل 5-ئايدا كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. 1997-يىل 10-ئايدا مەملىكەتلىك 8-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى مەملىكەتلىك لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 6-ئايدا چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن. شۇ يىلى 12-ئايدا تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5-لىككە ئېرىشكەن. 1999-يىلى مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 5-ئايدا مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئېرىشكەن. 2000-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2001-يىل 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئېرىشكەن. 2001-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

ئابدۇشۈكۈر مىجىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6-، 7-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى 9-، 10-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1999-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش» نىڭ بىرى، 2000-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ئىلغار پارتىيە ئەزاسى»، يەنە شۇ يىلى «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئالاھىدە تۆھپە ياراتقۇچى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

ئابدۇشۈكۈر مىجىت 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ئۈرۈمچىدە يەتكۈزۈلگەندە، تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەشئەل كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىمنى، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى، زېممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ھاياجانلاندىم. ئۆز-ئۆزۈمگە:‹شاگىرتلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. ۋەتەن، خەلقنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى چوقۇم ئاقلايمەن›دېدىم».

ئابدۇشۈكۈر مىجىت بوكس سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ تەربىيەلىگەن مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ، نىجاد ھۈسەن قاتارلىق ماھىرلىرىمىز كەينى-كەينىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. شۇنداق، ئابدۇشۈكۈر مىجىت بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ. ئۇ شىنجاڭ بوكسچىلىقىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئارزۇسى يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ.

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش