نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 849 قېتىم كۈرۈلدى
جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇق تېز ئېرىمەكتە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -24
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

ياپونىيە كائىنات ئاۋىياتسىيە تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىكى ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېقىندا جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇقنىڭ تېز ئېرىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم مۇزلۇقنىڭ كۈندە تۆت مېتىردىن بەش مېتىرغىچە ئېرىپ، دېڭىزغا قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
ياپونىيە كائىنات ئاۋىياتسىيە تەتقىقات ئاپپاراتىدىكىلەر: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئالىملىرى ياپونىيە، كانادا ۋە ياۋروپانىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرى 1996-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە تارتقان 3000 پارچىدىن كۆپرەك سۈرەتتىن پايدىلىنىپ، ئانتاركتىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇزلۇقنىڭ يۆتكىلىشىنى كۆزەتتى، دېدى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇق ناھايىتى تېز يۆتكىلىۋېتىپتۇ، نۇرغۇن جايدىكى مۇزلۇق يىلىغا 250 مېتىر سۈرئەت بىلەن دېڭىزغا ئېقىپ كېتىۋېتىپتۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش