نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 385 قېتىم كۈرۈلدى
گەنسۇنىڭ شەندەن ناھىيەسىدە بەش كىشى قازا قىلغان كۆمۈر كان ۋەقەسى پاش قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -15
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
گەنسۇنىڭ شەندەن ناھىيەسىدە كۆمۈر كان ھادىسىسىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، كان ۋەقەسىدە بەش كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.
شەندەن ناھىيەلىك تەشۋىقات تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىلىك كۆمۈركان نازارەتچىلىك ئىدارىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى، جاڭ يې شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەندەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ شەندەن ناھىيەلىك جىنۋەن كۆمۈر كېنىنىڭ توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كان ھادىسىسى يۈز بېرىپ قازا قىلغانلارنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ۋەقەنى تەكشۈردى.
شەندەن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەكشۈرگەندىن كېيىن، شەندەن ناھىيەسى جىنۋەن كۆمۈر كېنىدا 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ھادىسە يۈز بېرىپ، بەش كىشى قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن ھادىسە ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا تۆلەم بېرىش توغرىسىدا كېڭەشكەن. شەندەن ناھىيەلىك جامائەت-خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋەقەسى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. ھادىسىنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، جىنۋەن كېنىنىڭ باشلىقى جاۋ ئېرفېڭ ھەر قايسى تەرەپتىن كەلگەن بېسىمغا چىدىماي، شەندەن ناھىيەلىك جامائەت-خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش