رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1107 قېتىم كۈرۈلدى
مىسىرنىڭ جىددىي ھالەت قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
مىسىر كابىنېتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ تەرتىپنى يولغا قويۇپ 30 يىل داۋاملاشقان جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مىسىرنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئارتۇقچە تەدبىر قوللىنىپ جىددىي ھالەت قانۇنىنى يۈرگۈزمىدى، ھۆكۈمەت بۇ قانۇنغا چىقىلىپ قامالغان بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بەردى.
مىسىر ئارمىيەسى بۇ يىل 3-ئايدا پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن جىددىي ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلغان ئىدى. مىسىر توققۇزىنچى ئايدىن باشلاپ پارلامېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلايدۇ.
1981-يىلى مىسىرنىڭ سابىق پىرزىدېنتى سائادەت قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مىسىر جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇپ كەلدى. شۇندىن كېيىن جىددىي ھالەت قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتىنى كۆپ قېتىم ئۇزارتتى.
      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203