«يانفۇن سۆڭىكى» ۋىرۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
- يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
- يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
- مەنبەسى :
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا دۆلەت كومپيوتېر بىخەتەرلىكى تورىنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ كۈزىتىشىدىن «يانفۇن سۆڭىكى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يانفۇن ۋىرۇسى بايقالغان، بۇ خىل ۋىرۇس ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفۇنىدىكى سۆزلىشىش ھەققىنى يوشۇرۇن ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە مەخپى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يانفۇنلار يوشۇرۇن ھالدا ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلىنىپ، مەجبۇرى ھالدا ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفۇنىغا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نومۇرنى چۈشۈرىدىكەن ھەمدە ئاپتوتىك ھالدا بۇ نومۇرلارغا ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفۇنىدىكى تېلفۇن دەپتىرىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلارغا ۋىرۇس بولغان قىسقا ئۇچۇر، رەڭلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللايدىكەن، ئاندىن يوللاش خاتېرىسىنى ئۆچۈرىۋىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس داۋاملىق تارقىلىپلا قالماي يەنە ئىشلەتكۈچىنىڭ كۆپ مىقداردا سۆزلىشىش ھەققىنى ئىسراپ قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋىرۇس يەنە يانفۇندىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى كراكېرلار (cracker) كونترول قىلغان مۇلازىمېتىرلارغا يوللاپ بېرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك زاتلار ئەسكەرتىپ، كىشىلەرنىڭ يانفۇنى ئەگەر مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال يانفۇن سېتىۋالغان مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك يانفۇن ۋىرۇسخورلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋىرۇس تازىلاش ئېلىپ بېرىشىنى، ناتونوش ئۇچۇرلاردىكى ئۇلىنىشلارغا خالىغانچە كىرمەسلىكنى، ھەر خىل ناتونۇش نومۇرلاردىن كەلگەن مۇكاپات چىقىش، پۇل تۇتۇش، باج قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكىنى ئېيتتى.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ