نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1322 قېتىم كۈرۈلدى
ناتونىڭ 5 ئەسكىرى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا پارتلاپ ئۆلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -11
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاۋغۇست خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەمچى قىسىملىرى دېيىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ 5 نەپەر ئەسكىرى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايوندا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بولغان.

خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەمچى قىسىملىرىنىڭ باياناتىدا:«خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەمچى قىسىملىرىنىڭ 5 نەپەر ئەسكىرى بۈگۈن (11-ئاۋغۇست) ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلدى» دېيىلگەن، باشقا تەپسىلاتلارنى دېمىگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تالىبان 8-ئاينىڭ 11-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئادىمىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ تاشلاپ، 38 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالىبان خادىمىنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا يوقىتىلغان.

ئەمما تالىباننىڭ باياناتچىسى بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلغان. ئۇ ئامېرىكا ئارمىيىسى جاكارلىغان ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئادىمى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ موشۇ پەيتتە ئافغانىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

تالىباننىڭ باياناتچىسى ئاشكارىلىشىچە، 4 نەپەر تالىبان قوراللىق خادىمى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن، ئەمما ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن خادىمى يوق ئىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn
 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش