ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىزلار دائىم لېۋىنى چىشلىسە، ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

قىزلار خىيال سۈرگەندە، جىددىيلەشكەندە ياكى خىجىل بولغاندا ئاڭلىق ھالدا لېۋىنى چىشلەيدۇ، لېكىن بۇ شىلىمشىق خالتىلىق ئىششىق دەپ ئاتىلىدىغان ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شىلىمشىق خالتىلىق ئىششىق يېرىم سۈزۈك ھالەتتە ياكى سۇس كۆك رەڭلىك بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى پۇرچاق ياكى يەر ياڭىقى مېغىزىچىلىك كېلىدۇ، ئادەتتە ئاستىنقى لەۋنىڭ ئاستى ياكى تىلنىڭ يان تەرىپىدە پەيدا بولىدۇ. بۇنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن كىچىك ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
شىلىمشىق خالتىلىق ئىششىقنىڭ ئىچىدىكىسى ئەمەلىيەتتە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ، بەزى بىمارلار مىجىپ، چىشلەپ ياكى يىڭنە قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن سۈيىنى چىقىرىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا. گەرچە شىلىمشىق خالتىلىق ئىششىق بىردەملىك ساقايغان بىلەن، يەنە قايتا پەيدا بولىدۇ.

مەنبەسى: قانۇنچىلىق گېزىتى

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203