ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەنلىك

1. يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاش . ئەگەر يۈزدىكى پەردازنى يۇيۇۋەتمەي ئۇخلىغاندا ، چىراي سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى پاكىز سۇدا يۇيۇۋېتىپ ئۇخلاش كېرەك .

2 . تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەسلىك . تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى ئادەتتە ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. مەسلەن ، يازدا سۇيۇقراق تېرە ئاسراش مايلىرىنى ، قىشقا قۇيۇقراق تېرە ئاسراش مايلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .
3. بەدەن تېرىسىنى ئاسراشقا سەل قاراش . بەدەن تېرىسى بولۇپمۇ ئىككى بىلەك ۋە ئىككى پۇتنىڭ تېرىسىدە يۈز تېرىسىگە قارىغاندا ماي بەزلىرى ئاز بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن تېرىسىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرە ئاسراش سۇيۇقلىقىنى سۈرتۈش بىلەن بىللە ، يەنە ۋىتامىن B نىمۇ سۈرتۈپ بېرىش كېرەك .
4. يۈزنى پاكىز يۇيماسلىق . يۈزنى پاكىز يۇيمىغاندا قالدۇق ماددىلار يۈز تېرىسىدىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى توسۇۋېلىپ ، تېرىنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . شۇڭا يۈزنى چۇقۇم ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇپ ، تېرىدىكى قالدۇق ماددىلارنى تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتىش كېرەك .
5. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى خاتا تاللاش . ھەددىدىن زىيادە قۇيۇق ياكى قۇرغاق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش تېرە ئۈچۈن زىيانلىق . شۇڭا ھەر كىم ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ، ئۆز تېرىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك .
6 . تېرىنى زىيادە ھۆل قىلىۋېتىش . يۈز تېرىسىنىڭ ھەممىلا يېرى ئوخشاش بولمايدۇ . پىشانە ۋە بۇرۇن قىسمىدىن ھەمىشە ماي چىقىپ تۇرىدۇ ، شۇڭا بۇ جايلارغا تېرە ئاسراش مايلىرىنى بەك كۆپ سۈرتۈش ھاجەتسىز . يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، قۇرۇتۇپ ، 30 مىنۇتتىن كېيىن ، قايسى ئورۇننىڭ تېرىسى تارتىشسا ، شۇ ئورۇنغا تېرە ئاسراش مېيى سۈرتسىلا بولىدۇ .

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203