ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
شاپتۇلنىڭ شىپالىق تەرەپلىرى

 

Www.AnAdiyar.Cn

شاپتۇل سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. قەۋزىيەت بولغانلار ۋە ھەيز كۆرمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ، ناترىي ئاز بولغاچقا، شاپتۇل سۇلۇق ئىششىق بىلەن ئاغرىغان كېسەللەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تازا باپ كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شاپتۇل مېغىزنىڭ زەھەر ماددىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قان قېتىش ۋە جىگەر كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.

ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەيز توختاپ قالغان ياكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.

بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇلنىڭ يىلىمى بىلەن خىلوس سىيىش، شېكەر سىيىش ۋە ئىدارا يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قېلىش كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

شاپتۇل يىلىمى ھەر قېتىمدا 10-20گىرام قاينىتىلىپ ئىچىلسە بولىدۇ.

شاپتۇلنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن ھاشارەتنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. شاپتۇلنىڭ قۇرۇق يۇپۇرمىقىدا جىنسىي يولنى تازلاش سۇيۇقلىقى ئىشلەپ، تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

بۇ خىل تازلاش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەش ئۇسۇلى: 30 گىرام شاپتۇل يۇپۇرمىقى، 1000مىللىلېتىر سۇ بىلەن قاينىتىلسا بولىدۇ.


 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203