ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە گەپ بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەررەر ھالدا بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشىدە ئانىنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي تۇرالمايدۇ. توغرا، ئاياللارنىڭ بالىلار بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتى ئەرلەرگە قارىغاندا مۇقەررەر ئۇزۇن، كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا زور بولىدۇ. ئاياللار بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنى توغرا يۆلۈنۈش بويىچە تەرەققى قىلدۇرىدىكەن ، چوقۇم خوشاللىنارلىق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، ئەپسۇسكى بەزى ئانىلارنىڭ تەربىيلىنىش ئەھۋالىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، بالىسىغا بولغان كۆيۈنۈش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئۆز بالىلىرىنى خاتا يولغا باشلىماقتا ھەم زور سالماقتىكى ئائىلە ماجرالىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.
- مىسال
بىر مەزگىل تەكلىپ بىلەن بىر ئائىلىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم، بۇ ئائىلىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، بالىنىڭ ئۈگىنىش مۇھىتى خاتىرجەملىككە ئىگە، دادا بولغۇچى يۇۋاش، كەمسۆز بىر كىشى ئىكەن، دادىنىڭ ئاتا-ئانىسى سىرتتا بولغاچقا بالا كىچىكىدىن ئانىنىڭ ئائىلىسىدە بېقىلغان ئىكەن، شۇڭا بالىنىڭ چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلىشىدا قارىماققا ئانىنىڭ تۆھپىسى كۆپكەن، شۇ سەۋەبلىك بۇ ئائىلىدە ئانىنىڭ گېپى كۆپرەك ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىكەن، بىر كۈنى دەرس ئۆتكىلى بارسام بالا مەكتەپتىن تېخىچە قايتىپ كەلمەپتۇ، ساقلاپ ئولتۇرۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن بالا قايتىپ كەلدى. دادا مېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولغانمۇ قانداق، بالىسىغا تەنبىھ بەرگىلى تۇردى:
- ھېلىغىچە نەلەردە قاڭقىپ يۈردۈڭ، ئوقۇتقۇچۇڭ سېنى ساقلىغىلى نەۋاق؟
بالا ئۆزىنى توغرىلاپ جاۋاپ بېرىپ بولغىچە، ئانىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ بولدى:
- سېنىڭ نېمە كارىڭ، سەن باققانمىتىڭ يا بۇ بالىنى؟ سېنىڭ بالامغا گەپ قىلىدىغان نېمە سالاھىيىتىڭ؟
شۇ چاغدىلا مەن بۇ بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن دادىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى ، نېمىشقا كۆڭلى خالىغان يەردە يۈرۈپ، ئۆزى بىلگەن ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۇنىڭ كەينىدە كۈچلۈك بىر «ھىمايىچى» باركەن ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ئەتموسفرادا بۇ ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۈگىتىپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم-دە، ئۈچ ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ۋاز كېچىپ، بۇ ئائىلىگە قايتا ئاياق باسمىدىم.
- مىسال
ئۇ يەنە كېچىكتى، ئىمانىم قىرىق گەز ئۆرلىدى، تېخى تۆنۈگۈنلا كېچىكمەسلىك، ئىنتىزامسىزلىق قىلماسلىق، دەرس ۋاقتىدا نەرسە يېمەسلىك.... ۋاھاكازالار ھەققىدە يېرىم سائەت ۋەز - نەسىھەت قىلمىغانمىتىم؟
- يەنە نېمە بولدى؟
- ئاپام دېگەن ساراڭ ئويغىتىپ قويماپتۇ.
- ئاپىڭىز ساراڭما؟
- نېمە ئاپامنى تىللايسىز؟
- بۇ گەپنى مەن دېمىدىم، ئۆزىڭىز دېدىڭىز، نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
- گە ...
يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇم كەلدى-يۇ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ، دەرسىمنى باشلىدىم.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى بىلەن خېلى يېقىن تونۇشلۇقۇم بار، ئانا جەمئىيىتىمىزگە نېسبەتەن خېلى سەۋىيىلىك زىيالى، لېكىن ئائىلىدىكى بەزىبىر ئىشلار ئىدىيەمدىن زادىلا ئۆتمەيدۇ، خوشلىقى تۇتۇپ قالسا بالىلىرىنىڭ ئالدىدىلا يولدىشىغا ئەكىلەپ، سۆيۈپ كېتىدۇ. بالىلىرىنى پۈتۈنلەي ئەكىلەتمە ئىسىم (كىنو چولپانلىرىنىڭ ئىسمى) بىلەن چاقىرىدۇ، بالىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەكىلىتىدۇ، ئۆيدە ئاساسەن تاماق ئېتىلمەيدۇ. بالىلارغا سىرتتىن تاماق ئېلىپ يېيىشكە بېرىلىدىغان خىراجەت مول، كىيىم-كېچەك بالىلارنىڭ تەلىپى بويىچە سېتىۋېلىنىدۇ، بەزىدە بايراملاردا بۇ بالىلار - يۈئەننى كۆتۈرۈپ بېرىپ، مەخسۇس ئۈرۈمچىدىن كىيىم تاللاپ كېلىدۇ. قىزنىڭ چاچ پاسونى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما موشۇنداق ياخشى ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولۇۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى قوزغاپ قويىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتىدا ئامالنىڭ بېرىچە بۇ قىز ئوقۇۋاتقان سىنىپقا كومىسسىيە بولۇپ قالمىسامكەن دەيمەن، سەۋەبى، قەغەز تارقىتىلىپ مىنۇتتىن كېيىن بۇ قىز «پارتىزانلىق ئۇرۇش» ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ھېلى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن سوئالنىڭ جاۋابىنى سورايدۇ، قارىمىسا تىللايدۇ، «ھېلى سىرتقا چىقارسەن ھە، ساراڭ، خەپ توختاپ تۇر» دەپ تەھدىت سالىدۇ، ھېلى يانچۇقىدىن ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان ئۇششاق جاۋاپ قەغىزىنى چىقىرىۋاتقان، ھېلى پارتا ئاستىغا تىقىۋالغان كىتابىنى يوشۇرۇن ۋاراقلاۋاتقان، ھېلى يوپكىسىنى قايرىپ، يوتىسىغا يېزىۋالغان جاۋاپلارنى كۆچۈرىۋاتقان، ئىشقىلىپ بىر سائەتلىك كومىسسىيە دېھقانچىلىق قىلغاندىنمۇ تەس ھالەتتە توشىدۇ. تېخى كۆچۈرگىلى قويمىغان ئوقۇتقۇچىغا ئالىيىپ، ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ مېڭىشلىرىچۇ تېخى... بىر نەرسە دەي دېسە تېخى، «خۇدا، بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن، قىزىمىز بار ئادەم بىز » دەپ ئۆزىمىزگە ھاي بېرىمىز.
ئەجەبا بۇ قىزنىڭ موشۇنداق بەغەرەز بولۇپ قېلىشىغا ئانىسىنى يېشىل چىراق يېقىپ بەرمىگەن دەپ ئېيتالامسىز؟
- مىسال
نىڭ قۇلىقى ئىنتايىن ئۇزۇن، مەكتەپتىكى چوڭ ئىشلاردىن تارتىپ ، جەمئىيەتتىكى خېلى مەخپى خەۋەرلەرمۇ موشۇ قىزنىڭ ئاغزى ئارقىلىق باشقا ساۋاقداشلارغا يېتىدۇ. بىر كۈنى تەنەپپۇس ئارىلىقىدا بىر ئىش بىلەن سىنىپقا كىرسەم ، ئۇ قىز تازا قىزغىن سۆزلەۋاتقان ئىكەن:
- بالىلار ئاڭلىدىڭلارمۇ، مۇئەللىم ئاپپاي بىلەن توي قىلغىدەك، ئۇ ئاپپاي ئىلگىرى بىلەن خەت ئېلىپ قايتۇرىۋەتكەن، ئادەم چىقمىغاندەك ئاشۇ توختاپ قالغان ئاپپاينى ئالارمىش...
مەنمۇ ئاڭلىمىغان بۇ خەۋەرنى بۇ قىز نەلەردىن ئاڭلاپ يۈرىدىغاندۇ؟
ئەلۋەتتە، ئانىسىدىن ئاڭلايدۇ - دە، ئۇنىڭ ئانىسى مەكتىۋىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن مەلۇم ئىدارىنىڭ كادىرى، ئائىلىدە ئۇ يولدىشى، دوستلىرى بىلەن بالىلىرىنى ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ ھەرقانداق ئىش ئۈستىدە بەھوزۇر پاراڭلىشىۋېرىدۇ. كىم بىلەن كىمنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، كىمنىڭ قايسى ئىدارىغا ئۆسىدىغانلىقى، بۇ ئايدا قانداق سەۋەپ بىلەن قانچە پۇل تارقىتىلىدىغانلىقى، قايسى بىر ئايالنىڭ قايسى بىر قاتار چايدا قانداق ئۇسۇل ئوينىغانلىقى، قانچىلىك «چاينەك شورپىسى» ئىستىمال قىلغانلىقى ... قاتارلىقلارنى بەھوزۇر سۆزلەۋېرىدۇ. بۇنداق سۆھبەتنى بىمالال ئاڭلاۋاتقان بالىنىڭ سەبى قەلبىگە قانداق «يامان خاراكتېرلىك ۋىرۇس»لارنىڭ ئۈن-تۈنسىز سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئۇ نېمىشقا ئويلىمايدۇ؟ شۇ سەۋەپتىنمىكىن، ئۇ يىللىقتىكى قىزلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن مۇھەببەت ساھەسىگە قەدەم قويدى. ئەمدىلىكتە ئانا ئۆز قىزىغا قەتئىي گېپىنى ئۆتكۈزەلمەي زار-زار قاقشايدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم سىنىپ مۇدىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىدۇ. لېكىن يەنىلا سەۋەبنى باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ. بۇنىڭ بىردىن بىر سەۋەبچىسى ئۆزى ئىكەنلىكىنى نېمىشقا ئويلىمايدۇ - ھە؟
توغرا، ھازىر تۇرمۇش سەۋىيىمىز ، ئىستىمال سەۋىيىمىز زور دەرىجىدە ئۆستى، ئۆز بالىمىزنىڭ خېلى-خېلى تەلەپلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز، ئوقۇغۇچىلاردا «كىچىك زېرەك»، mp لەرنىڭ بولۇشى، سېفىرلىق فوتو ئاپاراتى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى يېڭىلىق ئەمەس، لېكىن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىشىگە بولغان زىيىنىنى نېمىشقا ئويلىمايمىز، توردىن توغرا پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى نېمىشقا ئۈگەتمەيمىز، نېمىشقا ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە چىقماي تۇرۇپلا چوڭلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىغا بېرىشىغا ، توپلىشىپ ئولتۇرۇش ئۇيۇشتۇرىشىغا ، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشىگە سورۇن، شارائىت ھازىرلاپ بېرىمىز؟ بۇ بالىلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك، كۆيۈنگەنلىكمۇ؟ مۇھتاج بولغان نەرسىلەرگە شۇنچىۋالا ئاسان ئېرىشىپ چوڭ بولغان بالا سىزدىن ئايرىلسا ھالى قانداق بولار؟ بىز ئۆزىمىزنى باي دەپ پەخىرلىنىمىز، شارائىتى سەل ناچار باشقا رايون كىشىلىرى ئالدىدا ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتىمىز، ئەجەبا بىز شۇنچىلا بايمۇ؟ بىزنىڭ كۆتۈرۈۋالغان رەڭگارەڭ تاۋاقلىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقى مەنىسىدىكى بايلىقىمىزنىڭ ئىسپاتىمۇ؟
ھەممەيلەن بىلىمىز، ئاتۇشلۇقلار شىنجياڭ بويىچە باي ، سودىغا ماھىر خەلق، لېكىن مەن ئاتۇشقا بارغاندا خىلمۇ-خىل تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنى كۆردۈم، ئۇلار نامراتلىقتىن تىجارەت قىلىۋاتامدۇ؟ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قول ئىلكىدە بار ئادەملەر ئىكەن، ئەجەبا ئۇلار پىخسىقمۇ ياكى بالىلىرىغا نىسبەتەن شۇنچىۋالا باغرى تاشمۇ؟
- ئاكا، ئاڭلىسام سىزنىڭ ھال-ئوقىتىڭىز خېلى ياخشىكەن ، ئەمما سىزنىڭ بالىڭىز كوچىدا ئەنجۈر سېتىپ يۈرۈپتۇ، بۇنى قانداق چۈشەنسەم بولار؟
- ئۇكام، بالا دېگەننى قانداق تەربىيلىسىڭىز شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ، مەن بالامنى ئوقۇتقۇدەك مادارىم بولمىغاچقا ئۇنى ئەنجۈر سات دەپ چىقىرىپ قويمىدىم، تەتىل مەزگىلىدە بىكار ئويناپ يۈرسە يامان ئىشلارغا ئۈگىنىپ قالىدۇ. تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپسا ، ئۆز ئوقۇش خىراجىتىنى ئۆزى غەملىسە ، بۇ بىر ياخشى ئىش، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ياخشى تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك جاپادا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى بالدۇر ھازىرلايدۇ، مەندىن كېيىن قالسا جەمئىيەتتە تەمتىرەپ قالمايدۇ، بۇ بىر ياخشى ئىش ئەمەسمۇ ئۇكام؟
ئاددى بىر دېھقاننىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرگە قايىل بولماي تۇرالمايسىز ئەلۋەتتە. لېكىن بىزنىڭ بالىلىرىمىزچۇ؟ ئۇلارنىڭ «كۈچلۈك ھىمايىچى»لىرىنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا چوڭ بولۇۋاتقان بۇ «ئاقسۆڭەك»لەر ھەتتا ئۆزىنىڭ سائىتىنى ئۆزى توغرىلىيالمايدۇ، ئەتىگەن قوپۇپ چېيىنى قاينىتىپ ئىچىپ، ۋاقتىدا مەكتەپكە كېلىدىغان ئوقۇغۇچى بەك ئاز. - ياشلارغا كىرىپ قالغان قىزلار مۇستەقىل بىر ۋاق تاماق تەييارلىيالمىسا، ئۈزۈلگەن تۈگمىسىنى ئوڭشاپ قادىيالمىسا، تېشىلگەن پايپىقىنى يامىيالمىسا.... بۇنداق بالا چوڭ بولۇپ بىر ئائىلىگە ئايال، بالىلارغا ئانا بولسا بۇ ئانىدىن يەنە نېمىنى كۈتكىلى بولار؟
ئەي مۆھتەرەم ئانا، بالىڭىزنىڭ ئەتىكى بەختى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، ئانىلىق ساپا ھازىرلاڭ، يولدىشىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا يولدىشىڭىزنىڭ ئائىلە باشلىقلىق ئورنىنى ھەقىقى تىكلەڭ. ئۆز مەجبۇرىيىتىڭىزدىن قاچماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىز ياخشى ئايال، مېھرىبان ئانا، ماھىر تەربىيىچى بولالىشىڭىز بىلەنلا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئابرويلۇق، ئىناۋەتلىك ، شەرەپلىك «يېرىم دۇنيا»، بولمىسا سىز ئائىلىدە مەڭگۈ بىر ئائىلە جابدۇقى، خالىسا ئۆيدە تۇرىسىز، خالىمىسا ئالماشتۇرۇلىسىز. پۈتۈن دۇنيا ھەقىقى مەنىدىكى «يېرىم دۇنيا»غا مۇھتاج
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |