ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تاشكەنت - ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاشكەنت-ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر. تاشكەنت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە بەرپا بولۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 262-يىلى پارس شاھى «ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ مۇقەددەس ماكانى» دېگەن كىتابقا يازغان بېغىشلىمىسىدا تاشكەنت بوستانلىقىنى چاچ دەپ ئاتىغان. مىلادى 6-ئەسىردىكى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە، تاشكەنت يۈكسەك تەرەققىي قىلغان سودىسى ۋە قول سانائىتى بىلەن داڭ چىقارغان ھەم شەرق ۋە غەرب سودىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ قالغان.

تاشكەنت مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار شەھىرى بولۇشقا باشلىغان، شۇنداقلا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. «تاشكەنت» دېگەن نام ئەڭ ئاۋۋال 11-ئەسىردىكى ئۆزبېك ئەدىب ئەبۇ رەيھان بىرۇنىنىڭ ئەسىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇچرايدۇ. تاشكەنت شەھىرى 1220-يىلى چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن. 13-ئەسىردىن باشلاپ ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارس ئىمپېرىيىسىگە، تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسىگە، بۇخارا خانلىقىغا ۋە قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1865-يىلى چار رۇسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تۈركىستان رايونىنىڭ پايتەختى بولغان. 1930-يىلدىن باشلاپ تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغىچە ئۆزبېكىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان.

تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ، شەھەر كۆلىمى جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە موسكۋا، سانت–پېتىربورگ ۋە كىيېۋدىن قالسىلا 4-چوڭ شەھەر. تاشكەنت كونا ۋە يېڭى شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. مەسچىت ۋە مازار قاتارلىق ئاسارە–ئەتىقىلەر كونا شەھەرگە جايلاشقان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

1966-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە تاشكەنت شەھرىدە 7.5بال يەر تەۋرەپ، شەھەر زور دەرىجىدە ۋەيران بولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن شەھەر قايتا قۇرۇلغان. شەھەر مەيدانىدا بىر ئالاھىدە خاتىرە تېشى بار. بۇ بىر پارچە غايەت زور تۆت چاسا تاش بولۇپ، بىر يۈزىدە يېرىق بار، يەنە بىر يۈزىگە سائەت ئىشكالىلىرى ئويۇلغان بولۇپ، سائەت ۋە مىنۇت ئىستىرىلكىلىرى 5 تىن 24 مىنۇتنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ دەل يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتۇر.

قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تاشكەنت زامانىۋى شەھەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە گۈلزارلىق شەھەردۇر. شەھەر قۇرۇلۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە، ھەممە يەردە ياپ – يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ، ماڭدامدا بىر فونتانلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېڭى سېلىنغان تىياتىرخانا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ۋە ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار شەھەر ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە توقۇمۇچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئېلېكتر كۈچى، ئاۋىئاتسىيە، ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە يېنىڭ سانائەت تارماقلىرى بار. داڭلىق چوڭ كارخانىلاردىن: تاشكەنت چېكاروپ ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، « تاشكەنت تراكتور زاۋۇتى» بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن يىپەك، پاختا، ئىلمە – توقۇلما بۇيۇملار ، نېفىت، كۆمۈر، مىس ، گۈڭگۈرت، گۈرۈچ شۇنداقلا تېلېۋىزور زاپچاسلىرى، ماشىنا ۋە تراكتورلار بار.

تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، موسكۋا ۋە سىبىرىيىگە بارىدىغان تۆمۈر يوللار، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر پايتەختلىرىگە ۋە بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە يولى بار. تاشكەنت يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر مېترو بار شەھەر بولۇپ مېترو شەھەر ئىچى قاتنىشىنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرغان.

تاشكەنتنىڭ مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق. تاشكەنت شەھرىدە 19 ئالىي مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 1920-يىلى قۇرۇلغان تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ناھايىتى داڭلىق. تاشكەنت شەھرىدە 200 كۇتۇپخانا، 10 تىياتىرخانا، 8 مۇزېي ۋە كۆرگەزمىخانا بار. تاشكەنت خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ بۇ شەھەردە ئاسىيا ئافرىقا دۆلەتلىرى كىنو كۆرگەزمىسى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

تاشكەنتتە كوكۇلداش مەدرىسى، كاففال شاش مازىرى، باراقخان مەدرىسى، جۈمە مېچىتى قاتارلىق 15-ۋە 16-ئەسىرلەردىكى ئىسلام ئىمارەتلىرى ۋە مازارلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى باراقخان مەدرىسى-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۇيۇشمىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باش مەھكىمىسىدۇر. تاشكەنتتە ئاسارە ئەتىقىلەر كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن مۇزېيلار ۋە ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرى كۆپتۇر.

مۇزېيلار: تاشكەنتتە سەنئەت مۇزېيى، تۆمۈريول مۇزېيى، ئەمىر تۆمۈر مۇزېيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزېيى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇزېيلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەنئەت مۇزېيى، ئەمىر تۆمۈر مۇزېيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزېيى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردۇر. ئەمىر تۆمۈر موزىيى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ كومىتېتى ئەمىر تۆمۈر يىلى قىلىپ بېكىتكەن. تۆمۈر مۇزېيى ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نادىر ئەسىرىدۇر.

ئۆزبېكىستان دۆلەت تارىخ مۇزېيى ئەسلى تاشكەنت ئاممىۋىي مۇزېيى ئىدى. ئۇشبۇ مۇزېي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيلارنى بىرى بولۇپ، بۇ يەردە تېرمېزدىن ، فاياز توپىدىن تېپىلغان بۇتنىڭ ھەيكىلىمۇ بار. مۇزېيدىكى بىر پارچە رەسىمدىن بۇ رايوننىڭ بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتۈش جەريانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
 

Www.AnAdiyar.Cn

خاتىرە مەيدانى: تاشكەنتتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەيلىگاھ «خاتىرە مەيدانى»دۇر. 1999-يىلى 3-ئايدا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (ئەسلىدىكى غەلىبە كۈنى)نى «خاتىرە ۋە شەرەپ كۈنى» قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەمدە تاشكەنت شەھەر مەركىزىدىكى «نامسىز ئىنقىلابىي قۇربانلار مەيدانى» نى «خاتىرە مەيدانى»غا ئۆزگەرتتى. مەيدانغا ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنى ئورناتتى. بۇ ئارقىلىق فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى ۋە ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەجدادلارنى خاتىرلىدى. ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان گۈلخان بار. ھەيكەلنىڭ ئىككى قاسنىقىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ياغاچ نەقىشلىق كارىدور بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سىمۋول خاراكتېرلىك شەرەپ خاتىرىسىگە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.

تاشكەنت تېلېۋىزىيە مۇنارى: تاشكەنت تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 375 مېتىر. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 7-ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشكەنت تېلېۋىزىيە مۇنارى تاشكەنتتىكى ناماياندە خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تېلېۋىزىيە مۇنارى 1978-يىلى سېلىشقا باشلانغان بولۇپ، 1985-يىلى1-ئاينىڭ 15-كۈنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ 100 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە بولغان بۆلىكىدە ئايلانما رېستوران بولۇپ، «قىزىل زال» ۋە «كۆك زال» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، 120 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدۇ. ئېكىسكۇرسىيىچىلەر تاماق يېگەچ تاشكەنتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.
 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203