ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاچچىقسۇ ئاياللارنىڭ ياخشى دوستىدۇر

 

 
Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

  ئاچچىقسۇ ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپلا قالماي، سالامەتلىكنى ئاسراشتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ . ئاياللار ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ، ئاچچىقسۇ ئاياللارغا ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ .
   ئاچ قورساق بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . بەدىنىنى يارا ياكى سەپكۈن بېسىۋالغان ئاياللار دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ . ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مەلۇم مىقداردىكى گلۇكولتېك ئىنزىم ۋە ھەرخىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ، ئۈچەي يولىدىكى ئېكولوگىيىلىك باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . قەۋزىيەت ئېغىرراق بولسا ، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بولۇپ ، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان سۇ ئىچىۋەتسە بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
   ئۇخلاشتىن ئىگىرى 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ئورۇقلايدۇ . ئورۇقلاش ئاياللارنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئاچىققسۇدا 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، قەنتنىڭ ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ياغنى خورىتىپلا قالماي، قەنت، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ راۋان ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمنى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ . شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10ـــ  15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
   بەدەننى ئاق ئاچچىقسۇ سۈرۈپ ئۇۋىلىسا ، قورۇق ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى خىلىتلارنى ھەيدەپ ، يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىش ۋە بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرۇش، قورۇقنى يوقىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پالكۈچ بىلەن يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بوشراق ئۇۋىلاپ، يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە ، قورۇقنى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئاچچىقسۇنى ئىسسىتىپ پۇتنى يۇسا ئۇيقۇ ياخشى بولىدۇ .

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203