جوڭگۇ-ھېندىستان ئۇرۇشى 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە جوڭگۇ-ھېندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان چىگرا ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تارىختا <<جوڭگۇ -ھېندىستان چېگرا ئۇرۇشى>>، <<ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى جوڭگۇ قورۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش 1962-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا ھېندىستاننىڭ ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭدىكى بىرقىسىم چىگرا رايونلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن باشلانغان، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھېندىستان ئارمىيسى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ بىر قىسىم رايونلارنى ئىگەللىۋالغان بولسىمۇ، كېيىن جۇڭگۇ ئارمىيىسى قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ ھېندىستان قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ھەتتا ئىچكىرىلەپ كېرىپ ھېندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا50كىلومىتىر دائىرىگىچە قوغلاپ بارغان. 1962-يىلى 11-ئاينىڭ22-كۈنى جۇڭگۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلاپ ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.
بۇ ئۇرۇشتا جوڭگۇ تەرەپتىن 2400دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان ۋە قۇربان بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن <<كۈرەش قەھرىمانى>> دەپ نام بېرىلگەن ئىسمائىل مەمەتمۇ بار. ھېندىستان تەرەپتىن 8900دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارلانغان، 300دانە زەمبىرەك، 10تانكا، 400دىن ئارتۇق بىرونىۋېك ۋە ھەربى ماشىنا ۋەيران بولغان.
تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ:
http://www.hudong.com/wiki/%25e4%25b8%25ad%25e5%258d%25b0%25e6%2588%2598%25e4%25ba%2589
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |