ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

Www.AnAdiyar.Cn

ئالىيجاناپ غايە، يۈكسەك تالانت، ئېگىلمەس-سۇنماس قەيسەر ئىرادىگە ئىگە ۋەتەنپەرۋەر شائىر‏- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان ناھىيە يېڭىشەھەردىكى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933-يىلى جاللات شېڭشىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇ مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ، ئائىلىسىدە مەكتەپ يېشىغا يەتمەيلا ساۋاتىنى چىقىرىۋالغان . ئابدۇخالىق دەسلەپ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، شەرق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان.
  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەمەي (ھازىرقى سىمپىلاتىنسكى) قاتارلىق شەھەرلىرى، سانكىت پېتىربورگ، ھەتتا شەرقىي ياۋروپالارغا سودا ئىشلىرى بىلەن بېرىپ-كېلىپ تۇرغان. شائىر 1916-يىلى چوڭ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ روسىيگە بارغان. ھەر قېتىم بارغىنىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. شائىرنىڭ بىلىمىگە بولغان تەشنالىقى ۋە چەت ئەللەرگە قىلغان سەپەرلىرى ئۇنى روس، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پىششىق بىلىش پۇرستىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىجىتمائى تەرەققىياتىنىىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدا ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان خەلىقلەر ۋە مىللەتلەر، سىنىپ ۋە تەبىقىلەر بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى رۇسىيگە قىلغان سەپەرلىرى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ جاھانگىرلار مۇستەملىكە تالىشىپ قىلغان ئادالەتسىز ئۇرۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. روسىيە پرولېتارىياتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى قوزغاش يولىدا ئېلىپ بارغان ئەمەلىي ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا، ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپاندا شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئوقۇغان . ئوقۇش جەريانىدا شۇ زاماننىڭ مەكتەپ قائىدىسى بويىچە ئۆزىگە خا ۋېىنسەي (哈文才)دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويغان. ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىكى مەشھۇر ئەسەرلەردىن «سۇ بويىدا»، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق كىلاسسىك رومانلارنى ئوقۇپ، مەزمۇنىنى دوست-بۇرادەرلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن . كېيىنكى كۈنلەردە سۇن جۇڭشەن ۋە لۇ شۈننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان . «1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ، موسكۋا شەر ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان». بۇ جەرياندا روس سوۋېت ئەدەبىياتىنڭ ۋەكىللىرى پوشكىن ، لېرمونتوۋ، لېۋ تولىستوي، ماكسىم گوركىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇغان.
   1926-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا خورلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۆز خەلىقىنىڭ سىياسى جەھەتتە يېتەرلىك ئاڭغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەندە ئىنتايىن ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقى، ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆز يۇرتىدىن خېلىلا ئىلگىرلەپ كەتكەنلىكى شائىردا خەلىق ئازادلىقى ۋە دېمكۇراتىيە ئىدىيسىنى پەيدا قىلىپ ، ئۇنى ئىنقىلاب يولىغا باشلىدى . نەتىجىدە شائىر ھاياتىنى پۈتۈنلەي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ ، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشىغا بېغىشلىدى.
   ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى بىلەنلا بىر ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئەمەلىي ئىنقىلابىي پائالىيتىدە، ئىككى قولىغا ئىككى قورالنى - قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭلا كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ بىر قولىدىكى قەلىمى ئىنقلابتا خەلقنى ئويغىتىش، سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ يەنە بىر قولىدىكى ئەلىمى خەلقنى يېتەكلەپ، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى. ئۇ يالغۇز ئىنقىلابىيلىق ۋە ئىلغارلىقنىڭ تەشۋىقاتچىسىلا ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ئىشتراكچىسى بولدى . ئۇ يالغۇز ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بىر ئىنقىلابىي شائىرلا ئەمەس، بەلكى سىياسى جەھەتتە ئۆز دەۋىرىدىكى خەلىق ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇچى رەھبەر ئىدى.» ئۇ 1927- يىلى « ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا مەرىپەت جەمئىيتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئىئانە توپلاپ مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ بەزىلىرى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇپ كېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
   شىنجاڭدا سىنىپىي زىددىيەت، مىللى زىددىيەتلەر ۋە باشقا تۈرلۈك زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن، گويا بۇ زددىيەتلەر بىر دۆۋە قۇرۇق ئوتۇنغا ئوخشاش بىر سۈركىلىش بىلەنلا ئوت ئېلىپ، يەر-جاھاننى قاپلىغۇدەك ئوت يالقۇنىغا ئايلىنىدىغان ۋەزىيەتتە تۇرغاندا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىللە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، 1931- يىلىنىڭ ئاخىرى 1932- يىلنىڭ باشلىرىدا تۇرپان ئويمانلىقىدا، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچى چىرىك ھاكىمىيتىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇردى. 1932- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، مىلتارست جىن شۇرېن تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ، تۇرپانغا جازا قوشۇنى ئەۋەتكەندە ، قوزغىلاڭچىلار يېڭىشەھەرنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقتا «ئوت قالاپ كۈتۈۋېلىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ، بىر يولىلا بىر نەچچە يۈز دۈشمەننى تارمار قىلىپ ، نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا غەنىيمەت ئېلىپ دەسلەپكى غەلبىگە ئېرىشكەن (شائىر بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى «مۇزلىدى» دېگەن شئېرىدا تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن.) بىراق، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان قانخور شېڭ شىسەي 1933- يىلى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن دەككىسىنى يەپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىۋېتىپ تۇرپانغا كەلگەندە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىلىرى ، دەپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۈرمىدە دۈشمەننىڭ سۈيىقەستىنى پاش قىلىپ «ئىچ پۇشۇش» دېگەن شئېرىنى يازغان . سۈيىقەستى پاش بولۇپ قالغان شېڭ شىسەي 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۇنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ، جازا مەيدانىغا ئەپچىقىپ ، ۋەھىشىيلىك بىلەن پاجئەلىك ھالدا چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا : «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، « ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203