ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
30 ياشلىق ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

چاچ . چاچ بوياشقا دىققەت قىلىش ، يەنى بىر يىلدا چاچ بوياش 12 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە ، چاچنى كۆپ بوياش لىمغا ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . شۇڭا چاچ بوياشقا توغرا كەلسە ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان چاچ بوياش مەلھىمىنى ئىشلەتمەسلىك ، ئەڭ ياخشىسى بوياش ‍زۆرۈر ئورۇننىلا بوياپ ، چاچنىڭ ھەممە يېرىنى بوياشتىن ساقلىنىش ، بېشىغا يارا چىققان ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھەمدە ھامىلدار ئاياللار بويىماسلىقى كېرەك .
كۆز . ياشلىق مەزگىلىدە ، ھەيز مەزگىلى ھەمدە ھەيز كېسىلىش مەزگىللىرىدە قىسمەن ئاياللاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇنداق چاغدا دىققەت قىلمىغاندا ، ئېغىر ئاقىۋەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن .شۇڭا ئاياللار ئالاھىدە ۋاقىتتا تەركىبىدە ۋىتامىن B يۇقىرى بولغان سۈت ، كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك .
سۈت بېزى . ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى سۈت بېزىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، شۇڭا كاۋا ، تۇرۇپ ، كوممىقوناق قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندىن سىرت ، باغىرداق تاقاشقا دىققەت قىلىش كېرەك .
يۈرەك . بىر يىلدا بەدەن ئېغىرلىقى 10 جىڭ ئېشىپ كەتسە ياكى تۆۋەنلەپ كەتسە دىققەت قىلىش كېرەك . بولمىسا يۈرەككە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203