ئايالىڭىز ۋە ئاشنىڭىز
ئاشنىڭىز كۈتىشىڭىزنى تەلەپ قىلدىغان ئايال، ئايالىڭىز سىزنى كۈتىدىغان ئايال.
ئاشنىڭىز ھەمىشە سېتىۋالغان نەرسىلىرىڭىزنى ئەرزان كۆرۈپ ئاغرىندىغان ئايال، ئايالىڭىز ھەمىشە سېتىۋالغان نەرسىلىرىڭىزنى قىممەت كۆرۈپ رەنجىيدىغان ئايال.
ئاشنىڭىز نەپىس گۈلدانغا سېلىپ قويغان گۈل، ئۇنىڭغا قارىسىڭىز راھەتلىنىپ ئاجايىپ ئامراق بولۇپ كېتىسىز، ئەمما بۇ گۈلنى پۇل ، ھوقۇق، مەرتىۋە ياكى شەھۋانى نەپىس دىگەندەك ئالاھىدە ئوزۇقلۇقلار بىلەن پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئايالىڭىز سېۋەتكە سېلىپ قويغان كۆكتات،ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، كۆيۈمچانلىقى ،ئىقتىساتچانلىقى بىلەن سىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ،چىرايىڭىزنى نۇرانە، كىيىملىرىڭىزنى رەتلىك ، يەيدىغاننى يەپ ،ئىچىدىغاننى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سىزنى ئاشنىڭىز بىلەن كۆرۈشكىدەك روھلۇق ھالغا كەلتۈرۋىتىدۇ.
ئاشنىڭىز دەردىڭىزنى تۆكسىڭىز ئاڭلايدۇ،ئەمما بىرەر سۆزىڭىزنى ئېسىدە ساقلىمىغان بولسىمۇ،بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقان يېقىملىق قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئايالىڭىز دەردىڭىزنى تۆكۈپ بولغىچە ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ سىزنىكىيىملىرىڭىز مەينەت بولۇپ كەتسىمۇ يۆتكەشنى بىلمەيسىز، ناشتا قىلمىسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يىتىدۇدەپ ئەيىپلەيدۇ، كوتۇلداشلار ئەمىليەتتە سىزگە بولغان مۇھەببەتكە تۇيۇنغان بولىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولغان چاغدا، ئاشنىڭىز سىزگە گۈل تەغدىم قىلىدۇ. ئايالىڭىز ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى تولۇقلاپ بېرىدۇ، يەنە سىزگە ئىسسىق بىر پوپايكا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن سىزئاشنا رومانتىك بولىدۇ، خوتۇن رىئال بولىدۇدىگەن قاراشقا كىلىسىز.
بىر كۈنى سىز ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋىلىپ تومۇچۇقتەك ئاشنىڭىزغا سوۋغا قىلدىڭىز، توساتتىنلا يەنە ئىنساۋىڭىز كىلىپ ئايالىڭىزغىمۇ ئوخشاش ئۈزۈكتىن بىرنى سېتىۋالدىڭىز، سوۋغىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشنىڭىز سىزنى تاتلىققىنە بىرنى سۆيۈپ قويىدى. ھەتتا سىزدىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈكنى ئالاقىدارئورۇنغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىدۇ. ئايالىڭىز بولسا شۇنچەكۆپپۇلخەجلەپ جانغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىنى سېتىۋاپسىزدەپ ئاغرىندۇ،ئارقىدىن قەلبى خوشاللىققا تولغان ھالدا تاقىۋالىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ ئۈزۈكنىڭ راست-يالغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدۇ.كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ،ئەر بولغۇچى كىشىيەنىلا ئايالىم ماڭا كۆيىندۇدەپ بىردىنلا ئويغنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئەر كىشىلەر رومانتىكلىقنى قوغلاشماي، ياۋاشلىق بىلەن رېىئاللىققا قايتىپ كىلىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |