يېقىندا دۆلىتىمىزدە ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 90 كۈندىن 98 كۈنگە ئۇزارتىلدى.
نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ، تۇغۇت دەم ئېلىشىنى بالا تەربىيەلەش دەم ئېلىشى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئاياللارنىڭ بۇشانغاندىن كىيىنكى دەم ئىلىشىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە دادىسىنىڭ بالىسىنى بېقىشىپ بېرىش ئارامىنىمۇ ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى دۆلەتلەردە ھەتتا ئاتا - ئانا بالا سەككىز ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى نەچچە ھەپتە مائاشلىق ياكى مائاشسىز بالا تەربىيەلەش رۇخستى ئالالايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە مائاشلىق تۇغۇت دەم ئىلىشى 10 ھەپتىدىن ئاشىدۇ.
بىراق بەزى دۆلەتلەردە مائاش ئېلىپ تۇرۇپ ئارام ئېلىش تۈزىمى ناھايىتتى چېچىلاڭغۇ بۇلۇپ تېخىچە تۇلۇق ئەمىمىلىلىشىپ بۇلالمىدى،بەزى ئادەم ئىلەتكۈچى ئورۇنلار بۇ قانۇننى تۇلۇق ئىجرا قىلىپ تۇغۇت مەزگىلىدە مائاش بەرگەن بولسىمۇ بىراق بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس،شۇنداق بولغاندىكىن ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدە مائاش ئېلىش تۈزۈمى تېىىچە كاپالەتكە ئىگە بولمايۋاتىدۇ.
نورۋېگىيەدە دادىنىڭ بالا بېقىش رۇخسىتى 12 ھەپتە.
ئوتتۇرا ياۋرپا دۆلەتلەردە بەلكىم قانۇن تۇرغۇزۇلۇپ «بالا تەربىيەلەش دەم ئېلىشى» بىكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئارامنى دادىسى ئالسىمۇ بولىدۇ. چېخوسلوۋاكىيەدە، ئەگەر بالا مىيىپ بولۇپ قالسا، بالا تەربىيەلەش رۇخسىتىنى 6 يىلغا ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئارام ئىلىش مەزگىلىدە، ئانا دۆلەت تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشىدۇ، ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى ياردەم ھەر ئايلىقىغا 256 ياۋرودىن، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئايلىقىغا 164.22 ياۋرودىن بولىدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى بالا تەربىيەلەش دەم ئېلىشىمۇ يۇقىرىقى ئىككى دۆلەت بىلەن ئوخشىشىدىغان بولۇپ، ئانا ئۆزى 1-3 يىلغىچە بولغا ۋاقىتنى ئەركىن تاللىسا بولىدۇ.
نورۋېگىيەنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى جەھەتتىكى سېخىيلىقى شىۋېيتسارىيەدىن قىلىشمايدۇ. نورۋېگىيەدە تۇغۇت ئارامى ئىلىشتا ئىككى خىل تاللاش بار: بىرى ئەر - ئايال ئىككىسى پۈتۈن مائاشنى ئىلىپ، 47 ھەپتە تۇغۇت ئارامى ئالىدۇ؛ يەنە بىر تاللاش: 57 ھەپتە ئارام ئىلىش، بۇنىڭدا پۈتۈن مائاشنىڭ %80ى بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.
ياۋروپا بىرلەشمىسى
تۇغۇت دەم ئېلىشىنىڭ ئۇزارتىلىشى ئەندىشە كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئەنگلىيەدە مائاشلىق تۇغۇت دەم ئىلىشى 2010-يىلى 4-ئايدا ئەسلىدىكى 39 ھەپتىدىن 52 ھەپتىگە ئۇزارتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئالتە ھەپتىە %90 مائاشنى ئالالايدۇ، كېيىنكى ھەر 33 ھەپتىدە ئەڭ كۆپ دىگەندە 125 فوندسىتىرلىڭ مائاش ئالىدۇ، كېيىنكى 13 ھەپتىدە مائاش بېرىلمەيدۇ، ئەرگە ئىككى ھەپتە مائاشلىق ئارام بېرىلىدۇ.
ئامېرىكىدا تۇغۇت دەم ئېلىشى 12 ھەپتە بولۇپ، مائاش بېرىلمەيدۇ
ئامېرىكىدا، 1993-يىلى «ئائىلە ۋە داۋالىنىش رۇخستى قانۇنى» يولغا قويۇلغان بولۇپ. ياللىغۇچى تەرەپ ئەر – ئايالغا مائاشسىز 12 ھەپتە ئارام بېرىشى كېرەك، بىراق بۇنىڭغا يەنە بىر چەكلىمە قۇيۇلغان. مەسىلەن، ئىلگىرى 50تىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىتىدىغان كارخانىدا 12 ئاي ئىشلەپ باققان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي خىزمەت ۋاقتى 1250 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك دېگەندەك. تۇغۇتلۇق ئاياللارنى مائاشلىق ئارام بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇننىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكىدا يېرىمدىن كۆپرەك ئانا بوشىنىپ ئالتە ھەپتىدىن كىيىنلا نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.
ياپونىيەدە مائاشلىق تۇغۇت ئارام ئىلىشى بولسىمۇ كىشىلەر تۇغۇشنى خالىمايدۇ
ياپونىيەدە مائاشلىق تۇغۇت رۇخسىتى 14 ھەپتە. ئايال خىزمەتچى بالا توغۇلۇشتىن بۇرۇن ئالتە ھەپتە ئارام ئالسا بولىدۇ، توغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن 8 ھەپتە ئارام ئالىدۇ، ئەگەر ھەر بىر بالا ئارتۇق تۇغۇلسا بالا سانىغا قارىتا تۇغۇت دەم ئىلىشى مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ. تۇغۇت دەم ئىلىشى مەزگىلىدە ئەسلىدىكى مائاشىنىڭ %60ى بېرىلىدۇ، ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ يەنە مائاشسىز بىر يىللىق ئارام ئىلىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.
بىراق ياپونىيە پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتنىڭ بىرى، خىزمەتتىكى كەمسىتىش نۇرغۇنلىغان ياپون ئاياللىرىنىڭ تۇغماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئاياللار تۇغقاندىن كىيىن كۆپ ھاللاردا ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |