كۆپ قىسىم ئەرلەر دائىم ئايالى ياكى لايىقىدىن ئاغرىنىپ ، مىجەزى غەلىتە دېيىشىدۇ . لېكىن بۇنىڭدىن ھالقىلىق مەسلە چوڭ مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سېروتونىننىڭ مىقدارى ئوخشمىغاچقا ، مىجەزىدە بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلار كېلىپ چىققان .
چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى يېتەرلىك ھەمدە مۇۋاپىق بولسا ، كىشىدە خۇشاللىنىش كەيپىياتى كۆرۈلىدۇ ، ناۋادا سېروتونىن مىقدارى تۆۋەن بولسا ، غەمكىن بولۇش ، كۆڭلى يېرىم بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئاقسىل ماددىسى تۆۋەن يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىننى ساقلاپ ھەمدە مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزىنى تېخىمۇ خۇشال ھېس قىلىدۇ . ئاياللاردىكى سېروتونىن ماددىسى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللار ئورۇقلاشنى مەقسەت قىلىپ تاماقنى كۆپ يېمىگەچكە ، چوڭ مېڭىدىكى سېروتونىن مىقدارى تۆۋەنلەپ ، مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |