دائىم قاقلاپ پىشۇرۇلغان بەرەڭگە يەپ بەرگەندە ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە ، كۈنىگە ئىككى قېتىم قاقلاپ پىشۇرۇلغان بەرەڭگە يەپ بەرگەندە ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن ، سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن . تەتقىقاتچىلەر سەمىرىپ كەتكەن ، قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى يەۋاتقان قىسمەن كىشلەر ئۈستىدە تەجرىبە قىلىپ ، ئۇلارغا كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا بىر ئاي قاقلاپ پىشۇرۇلغان بەرەڭگى يېگۈزگەن ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەمدە قان بېسىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى ئېنىقلانغان .
بەرەڭگىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ھەمدە ماي مىقدارى تۆۋەن ، شۇنداقلا ئوزۇقلۇق قىممىتى مول ، قاقلاپ پىشۇرۇپ يېگەندە قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى ، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |