ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئۇيغۇر ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى

بىزنىڭ قەھرىمان، ئىجادكار ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، مەرىپەت ھەم تەرەققىياتى جەريانىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، مەرىپەت ھەم تەرەققىيات ئۇنچىلىرى بىلەن تولغان شانلىق مەدەنىيەت خەزىنىسى بارلىققا كەلتۈردى. جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتى تارىخىدا ئۆزىگە خاس مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىر تارمىقىدۇر، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، خېلى بۇرۇن شەكىللەنگەن تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ كەلگەن، باشقا قەدىمىي تۈركى قەبىلىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتاشقان. لېكىن خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى 3- ئەسىرگىچە ۋۇجيې، خۇجيې ، دەپ يېزىلغانلىقى، مىلادى 4- ئەسىردىن كېيىن  (ۋۇخې) دەپ يېزىلغانلىقى ، 6- ئەسىرلەردە بولسا  (خۇيخې)، (خۇيگۇ) دەپ يېزىلغانلىقى، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە  (ۋېيۋۇر)، (ۋېيۋۇر) دەپ يېزىلغانلىقى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
تارىختا يۇقىرىدەك ناملار بىلەن ئاتالغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تىيانشان تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ، شەرقتە موڭغۇل يايلاقلىرى، غەربتە بالقاش كۆلىگىچە، شىمالدا ئېرتىش دەرياسى بويلىرىدىن جەنۇبتا تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ھايات كۆچۈرگەن. يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى 3- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا غەربتە بالقاش كۆلى ئەتراپىدىن شەرقتە بايقال كۆلىگىچە بولغان جايلاردا دىڭلىڭ ( ) قەبىلە ئىتتىپاقى ياشىغان. بۇلارنىڭمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بار. مىلادى 4- ئەسىرلەردە «دىل» دېگەن نام خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا يەنە تيېلې دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى، كېيىنچە ئۇلار ئىشلەتكەن ھارۋىلارنىڭ ئېگىز چاقلىق ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن، «قاڭقىلار» ياكى «ئېگىز ھارۋىلىقلار» ( گاۋچې) دەپ ئاتىلىپمۇ كەلدى. قەدىمى ئۇيغۇرلار تيېلې قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ غول ۋە كۈچلۈك ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇلار ئاساسەن تىيانشان تاغلىرى بىلەن ئورخون – سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشايتتى ۋە ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرەتتى.
«ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا تارىخىي كىتابلاردا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان:
(1) «ئۇيغۇر» سۆزى «ئۇيۇشماق» ، «ياردەملەشمەك» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ قاراش تۆۋەندىكى رىۋايەتكە ئاساسلانغان:
«ئۇ (غەربىي تۈرك قەۋملىرىنىڭ قاغانى ئوغۇزخان) يېگانە تەڭرىگە ئېتىقاد قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، تاغىلىرى، ئاكا – ئۇكىلىرى خۇداغا ئېتىقاد قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى، نەتىجىدە ئوغۇزخان بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ئاكا – ئۇكىلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولدى. ئادەملەردىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلدى. ئاخىرىدا دۈشمەنلەر قەبىلىلىرى بىلەن كېلىپ تەسلىم بولدى. غەلبىدىن كېيىن ئوغۇزخان داغدۇغىلىق مەرىكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزىگە ياردەم قىلغان ۋە قوشۇلغان قېرىنداشلىرىنى، سەركەردە، لەشكەرلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۆزى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشقانلارغا «ئۇيغۇر» نامىنى بەردى. تۈركى تىلدا «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشماق»، «ياردەملەشمەك» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاتالما مۇشۇ مەنىدە بارلىق قەبىلىلەر، قەبىلە تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ تەتبىق قىلىندى.
(2) ئۇيغۇر ئاتالمىسى «ئۇيۇشقاق»، «يېپىشقاق» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا مۇنداق رىۋايەت بار:
«ئوغۇزخان ئۇلارغا ‹ئۇيغۇر› دەپ ئات قويدى. مەلۇمكى بۇ تۈركى ئاتالما بولۇپ، ‹يېپىشقاق› دېگەن مەنىدىكى سۆز ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ. سۈت ئۇيۇشىدۇ، سۈت سۈت ھالەتتە تۇرسا ئۇيۇشمايدۇ، ئۇ قېتىق ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىنلا بىر – بىرى بىلەن ئۇيۇشىدۇ ھەم يېپىشىدۇ. يەنە ئىمامغا ئۇيۇدى دېگەن گەپلەرمۇ بار، چۈنكى ئىمام ئولتۇرسا، باشقىلارمۇ ئولتۇرىدۇ، ئىمام ئورنىدىن تۇرسا، باشقىلارمۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئىمامغا ئۇيۇشقىنى ياكى يېپىشقىنى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئىككى قولى بىلەن ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە مەھكەم يېپىشقان. ئوغۇزخان ئۇلارنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان. بۇ يېپىشقاق دېگەن بولىدۇ».
دېمەك ، يۇقىرىقىلاردىن بىلىۋېلىش مۇمكىنكى، «ئۇيغۇر» ئاتالمىسى «ئۇيۇشۇش»، «ياردەملىشىش»، «يېپىشىش» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە.

 

 

مەنبە:تورداش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203