ئابباس بۇرھان: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، تەتقىقاتچى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام.
ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.
ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شاىر، ئەدەبىي تەرجىمان.
ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن).
ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ژۇرنالىست.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.
ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى)
ئابدۇرەھىپ پولات تەكلىماكانىي: ئەدەبىياتشۇناس، تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)
ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى.
ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى.
ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.
ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.
ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شاىرى.
ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور.
ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)
ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى.
ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان.
ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن)
ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)
ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىدىن)
ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى.
ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى.
ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس.
ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.
ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەىسى.
بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە.
بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شاىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى.
دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا.
دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى.
دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا)
دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى..
دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنژېنېرى (ئەنگلىيىدە)
دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر.
دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا)
ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى.
ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس.
ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئەلىشىر ناۋاىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شاىر.
ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھىرگەر.
ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنژېنېرى (ئامېرىكىدا)
ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، ژۇرنالىست.
ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى.
ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال.
غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان.
غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى.
غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شاىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.
غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
ھاجئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
ھىسام قۇربان: زامانىمىزدىكى “نەسىردىن ئەپەندى”.
ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى.
ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.
ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئىبراھىم مۇھتى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.
ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.
ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس.
ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.
ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېولوگ، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى.
ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن.
جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان.
ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى.
جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
كۈرەش ئىبراھىم: فىزىكا ئالىمى، قېتىشىش ھالەت فىزىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىدىن.
لىتىپ توختى: تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئىنقىلابىي شائىر.
مۇھەممەت باغراش: يازغۇچى، ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن.
مۇھەممەتجان سادىق: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن)
ماھىنۇر ھاجىياقۇپ: كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمانى.
ماھىنۇر نىياز: دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا.
مەھمۇد كاشغەرى: 11-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن تىلشۇناس.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى.
مەھمۇد خالىق: بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
مۇھەممەت شاۋدۇن: ژۇرنالىست، شائىر.
مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق): مائارىپچى، شائىر.
مەمتىلى زۇنۇن: شاىر، دراماتۇرگ. «ھېيتگاھ تۇمانلىرى»، «مەسلىھەت چاي»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى ۋە نۇرغۇن نادىر ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.
مەمتىمىن بارات:گېن ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم
مەنبە: ئەلنۇر تورى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |