ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
پارتىدىشىڭىز بىلەن دېيىشكەن مۇنۇ گەپلەر ئېسىڭىزدىمۇ؟

ھەممە ئادەمنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى بولىدۇ ، ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭىزدا سىزگە ئەڭ كۆپ ھەمرا بولىدىغان سىردىشىڭىىز دەل سىزنىڭ پارتىدىشىڭىزدۇر،بەلكىم سىز ئاشۇ پارتىدىشىڭىز بىلەن نەچچە قېتىم ماي تاتىشىپ قېلىپ يەنە نەچچە قېتىم يارىشىپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن ئۇنداقتا ئەنە شۇ پارتىدىشىڭىىز بىلەن دېيىشكەن مۇنۇ سۆزلەر ئېسىڭىزدىمۇ؟
1. مۇئەللىم كەلسە مېنى چاقىرۋەت ھە..
2.تىز يازە مەن كۆچىرۋالاي،-سەن ئالدى بىلەن كۆچىرۋال ئاندىن مەن يازاي..
3.قەلىمىڭنى ئەكىلە ئىشلىتىپ تۇراي..
4.بىر ياققا ئولتىرە كۆرىۋالاي(ئىمتاھان ۋاقتىدا)،نەچچە ئاپسە(ئىمتاھان قەغىزىنى تارقىتىپ بەرگەندىن كېيىن)
5.كېيىنكى سائەتلىك دەرس نېمىتى؟
6.سائەت تۇشۇشقا يەنە نەچچە مىنۇت بار.
7.بولدى گەپ قىلما مۇئەللىم كەينىمىزدىلا.
8.بۇنى XXكە ئۇزىتىۋەتكىنە.
9.بۇ قېتىمقى ئىمتاھاندا ئۈمىد سەندە قالدى جۇمۇ .
10.ھەي ، ھېلىقى XX دېگەن خەتنى قانداق يازىدىغان بولغىيتتى...
11.قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى ،يەيدىغان بىر نەرسە بارمۇ ؟
12.شىلىمىڭنى بېرىپ تۇرە.
13.كەچتە نېمىدىن تاپشۇرۇق بار؟
14.بولدى قارىما، مۇئەللىم دەرىزىنىڭ يېنىدىلا..
15.ماياققا تۇرە مەن چىقىۋالاي..
16.بىر ئاز ئۇخلىۋالاي ،مۇئەللىم كەپ قالسا ئويغۇتۇپ قوي ھە ~~
17.نىمانداق كىچىك يازدىڭ بۇخەتلەرنى چوڭراق يازە~~
18. بۇ سۇئالداAنى تاللامدۇق،Bنى مۇ ؟
19. ھېكايە كىتاب بارمۇ ؟
20.ھەي بىلەمسە ، بىزنىڭ سىنىپتا كىم بىلەن كىمنىڭ چاتىقى بار..
21.مەن ئالدىدىكى 10سۇئالنى ئىشلەي سەن كېيىنكى 10 سۇئالنى ئىشلە~~
قانداق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭىزنى ئەسلەپ قالدىڭىزما ، چۇقۇم ئەسلەيسىز .....
 كروران تورىدىن كۆچۈرۈلدى، ئادرېسى:http://www.kroran.net/ud/thread-4399-1-1.html

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203