يېقىندا مۇنبەرگە يوللانغان چۈمادو توغرىلىق تېمىلارنى ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ،ئۆزۈمنىڭ خومار بولغىلى 5يىل بولغان چۈمادونى قانداق قىلىپ ئۇڭۇشلۇق تاشلىغانلىقىم توغرىسىدائازراق بىر نەرسە يېزىپ، شۇ نىجىسنى يەۋەتقان،ھەم تاشلاشنى ئويلاۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇ نىجىسنىڭ ئىسكەنجىسىدىن تىزراق قۇتۇلۇپ،ئەسلىدىكى‹ساپ› تۇرمۇشىغا قايتىشىغا ئانچە مۇنچە ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەخسەتتە بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن...
2006.يىلى يىڭى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا يولدا كېتىۋېتىپ كۈرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان بىر دوستۇمنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم،قارىسام چىرايى تاتىراڭغۇ،كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كىتىپتۇ،ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۈرۈپ ‹ئاداش چىكىۋالمىغانسە؟ھالىڭ بەك ناچارغۇ؟›دەپ سورىدىم،ئۇ پەرۋاسىزلا ‹ياقەي ئاداش چۈمادو يەۋالغان›دەپ جاۋاپ بەردى.‹نىمىشقا؟چۈمادو دىگەننى ئاغرىق توختىتىشقىلىلا ئىشلىتىدىغۇ؟›دىدىم ئۇنىڭغا.‹بىلمەيدىغان ئوخشايسەن ئاداش،بۇنىڭدىن 3تال يەۋالساڭ پۈتۈن غەم-قايغۇنى ئۇنتۇپ ئالامەت يىنىكلەپ قالىسەن›ئۇنىڭغا بۇ گىپىنى ئاڭلاپ قىزىقىپ قالدىم،دىمىسىمۇ شۇ ۋاقىتلار خىزمەت تاپالماي،يا بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي جىلە بۇلۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى.شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭدىن 3تالنى ئېلىپ سىناپ باقماقچى بۇلۇپ يەپ باقتىم،كىم بىلسۇن شۇنىڭدىن باشلاپ تورمۇشۇمنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ گاراڭلىق ئىچىدە 5يىل ياشايدىغىنىمنى...
دەسلەپ 2تال يىدىم،بارا-بارا 5تال 7تال ھەتتا بىر كۈندە 20تالمۇ يەپ باقتىم،تۇرمۇشۇم پۈتۈنلەي خىيالى دۇنيادا گاراڭلىق ئىچىدە ئۈتەتتى،بىر قانچە قېتىم خىزمەت ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىپمۇ باقتىم،مەكتەپتە ھەر يىلى ئۇقۇش موكاپات پۇلى ئېلىپ ئۇقۇيدىغان مەن ئەمدىلىكتە كىتاپ كۈرۈشمۇ خوش ياقمايدىغان بۇپ قالغاچقا ئۆتەلمىدىم،كىيىن بىر يەككە دوختۇرخانىدا ئىشلىدىم،دوختۇرخاننىڭ دورىخانىسىدا شۇ دورىمۇ سېتىلاتتى،سىرتتىن تاپماق تەس ۋاقىتلاردا ئۈزۈم ئىشلىگەن دوختۇرخاننىڭ دورىخانىسىدىن بىمالال ئېلىۋىرەتتىم.ھەتتا بەزى دوسلۇرۇمنىمۇ تەمىنلەپ تۇراتتىم..ئۈزۈڭ شۇ كەسپتىن تۇرۇپ قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن،شۇنداق ئۈزۈم شۇ كەسپتىن بولغاندىكىن ئۇنىڭ زىيىنىنى تۇلۇق بىلىشىم،ۋاختىدا ئۈزۈمنى تارتىشىم كىرەك ئىدى،بىراق ئۇ نەرسىنىڭ قاينىمىغا چۈكۈپ بولغاندا ئۇ قاينامدىن ئۈزۈپ چىقىشىڭىز ھەقىقەتەن تەسكەن.
كىيىنچە يىمىسەم ھىېچ ئىش خوش ياقمايدىغان،تاماقمۇ يىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم،يەۋالغان ۋاقىتلىرىمدا بولسا باشقىچە روھلىنىپ،تىتىكلىشىپ كىتەتتىم..مەن بىلەن تەڭ ئۇقۇش پۈتتۈرگەن تۇنۇشلۇرۇمنىڭ خىزمەتكە چىقىپ،ھەتتا ئويلىك-ئوچاقلىق بۇلۇپ ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرگەنلىرىنى كۆرسەم ئىچىم ئاچچىق بۇپ كىتەتتى ،ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل،ئەڭ قەدىرلىك ۋاقىتلىرىمنى شۇ نىجىسنىڭ قوينىدا خازان قىلىۋەتكىنىمنى ئويلىسام ئۈزۈمدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن.
ھەش-بەش دىگۈچە 5يىل ئۆتتى،بىر قانچە قېتىم خىزمەتتىن ھەيدەلدىم،دورىنىڭمۇ ئەكىس تەسىرى كۈرۈلۈشكە باشلىدى،گەپلىرىم قۇلاشمايدىغان،كاللام ھېچنىمىگە ئىشلىمەيدىغان بۇپ قالدىم،ئۇچۇق قىلىپ ئېيتىۋىرەي ھەتتا جىنسى تۇرمۇشتىمۇ سىزىمنى كونتىرول قىلالمايدىغان بۇپ قالدىم....
پۇشايمان،ئازاپلىنىش مېنى توختىماي قىينايتتى،باشقىلاردىن 50تالدىن ئارتۇق يىسەڭ ئۆلىسەن دىگىنىنى ئاڭلاپ سىناپ باقماقچىمۇ بولدۇم،بىراق كۆز ئالدىمغا ئاتا-ئانام.ئۇرۇق-تۇققانلىرىم كېلىۋىلىپ جۇرئەت قىلالمىدىم،شۇڭا قەتئى ئىرادىگە كىلىپ تاشلىماقچى بولدۇم،بۇنى ئاڭلىغان دوسلۇرۇمنىڭ ئارىسىدا ‹ياخشى ئويلاپسەن،غەيرەت قىل ئاداش..مەنمۇ سەن بىلەن بىللە تاشلايمەن›دىگەنلەرمۇ،‹تاشلىيالمايسەن،بىكار ئۈزۈڭنى قېينىما...›دىگەنلەرمۇ بولدى.ئۈزۈمگە‹شۇ نىجىسنىڭ ئۈستىدىنمۇ غالىپ كىلەلمەمسەن؟سەن بىر ئۇغۇل بالىغۇ؟ ئۈزۈڭگە ئىشەن،ئۈزۈڭنىڭ ئىرادىسىدىن باشقا ھېچكىم ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ›دەپ خىتاب قىلدىم.توردىن بۇ دورا ھەم بۇ دورىنى تاشلاشقا ئائىت ماتىرىيال ئىزدەپ كۆردۈم.بەيدۇدىكى مۇشۇ توغۇرلۇق ياردەم تەلەپ قىلىپ يوللانغان يوللانمىلارنىڭ كۆپلىكىنى كۈرۈپ دۆلىتىمىزدە بۇ دورىنىڭ قۇلى بۇلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ6.ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۈزۈم ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدا سىرتتىن كىلىپ ئىشلەيدىغان بىر تۇنۇشۇمنىڭ ياتىقىنى بىر ھەپتىلىك ئارىيەت ئالدىم (ئۇ دادىسىنىڭ كىسىلىگە قاراش ئۈچۈن بىر ھەپتە روخسەت سۇراپ قايتىپ كەتكەن ئىدى)تۇغۇلغان كۈنۈم كەچلىكى تاماقنى تويغۇدەك يەپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى4 تالنى يىدىم،شۇ كۈنى كەچتە ھېچنىمىنى تۇيماي شۇنداق راھەت ئۇخلاپتىمەن،ئەتىسى ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ جاينامازغا چىقىپ بامدات نامىزىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ بىر ھازاغىچە ئاللاھ ئىگەمگە ئېسلىپ يىغلىدىم.ئۈزۈمگە بۇ قېتىم چۇقۇم تاشلايمەن دەپ قەسەم قىلدىم.
بۇ ۋاقىتتا دورىنىڭ تەسىرى يۇقىلىشقا باشلاپ پۈتۈن بەدىنىم ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى،بەدىنىمدە بىر نەرسە مېڭىۋاتقاندەك سىزىم بۇلۇپ بىئارام بۇپ كەتتىم،ئىچىمدە بىر ئۇخلىغان پېتى كىلەر ئاينىڭ مۇشۇ كۈنى قوپقان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى -ھە دىگەنلەرنى ئويلىدىم،بىراق قانچە قىلساممۇ قەتئى ئوخلىيالمىدىم،تامغا ئۈسۈپ ئۈزۈمنىڭ ئايلاندۇرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدىم،يەنە جۇرئەت قىلالمىدىم،سىرتتىن ئەكىرىۋالغان تاماقتىن ئازراقلا يىيەلىدىم،گېلىمدىن بىر نەرسە ئۈتىدىغاندەك ئەمەس،ئۈزۈلدۈرمەي تاماكا چىكىپ باقتىم،پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ھەتتا مويلىرىدىن باشلاپ ئاغرىۋاتقاندەك سىزىم بۇلاتتى،شۇنداق قىينىلىپ يۈرۈپ ئاران 3سائەت بەرداشلىق بىرەلىدىم،ئاخىرى ۋاز كەچمەكچىمۇ بولدۇم،بىراق مۇشۇ قېتىم ۋاز كەچسەم پۈتۈن ئۆمرۈمنى،كەلگۈسىمنى بەربات قېلىۋەتەتتىم...ئۈزۈمگە‹كەلگۈسىڭ ئۈچۈن ئازراق چىدا،بەرداشلىق بەر› دىگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلايتتىم. ساق 4سائەت شۇنداق ئۈتۈپ كەتتى،شۇنچە تىرىشساممۇ ئاغرىققا چىدىمىدىم،شۇڭا سىرتقا چىقىپ پىۋىدىن 8بوتۇلكا ئەكىرىپ ئېچىشكە باشلىدىم،مەس بۇپ ئۇخلاپ قالساملا ئۈتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلايتتىم،بىراق 5بوتولكا ئچىپ بولغان بولساممۇ ھىېبىر ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس،بىردەم كومپىيوتۇرنى ئېچىپ ئۇيۇن ئويناپ باقتىم،ھەر ھالدا بىر ئىككى سائەتنى ئۇتكۈزىۋالدىم،كەچ كىردى،ئەكىرگەن پىۋىمۇ تۈگىگەن ئىدى.كۈزۈمنى يۇمۇپ شۇنچە تېرىشساممۇ قەتئى ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس،سىرتقا چىقىپ ئايلىنپ كىرمەكچى بولدۇم،پۇت-قۇلۇمدا قىلچە ماغدۇر يوق كېتىۋاتىمەن..شۇ ماڭغانچە بىر سائەتتەك مېڭىپتىمەن،كەچلىك بازارغا كەپ قالدىم قۇرسۇقۇم ئاچمىسىمۇ زورىغا ئۈگرە بۇيرۇتۇپ ئولتۇردۇم....
ياتاققا قايتىپ كەلسەم سائەت 10بۇپتۇ،خۇداغا شۈكرى دىدىم،ھەر ھالدا بىر كۈننى ئۇڭۇشلۇق ئۆتكۈزىۋاپتىمەن،لېكىن بىر كىچە قەتئى ئۇخلىيالمىدىم،ھويلىغا چىقىمەن،يېنىپ كىرىمەن،بىردەم ئالبىننىدەك تاتلىق نەرسە يەپ باقىمەن،بىردەم ئۇيۇن ئويناپ باقىمەن،شۇنداق يۈرۈپ مىڭ تەستە تاڭ ئاتقۇزىۋالدىم،لېكىن بىر كىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم،نىمە ئامال،كىم مىنى رىئاللىقتىن قېچىپ شۇ نىجىسقا خۇمار بولسۇن،كەيپ-ساپانى دەپ ئۆز تېنىمنى خورلىسۇن دەپتىكەن....ئەمدىلىكتە شۇ تېنىم مېنى خورلاۋاتاتتى.
ئىككىنجى كۈنى ئەتتىگەن قەتئى بەرداشلىق بىرەلمىدىم،بېشىم چېقىۋەتكەندەك ئاغرىپ،ئاشقازىنىمدىكى بىئاراملىق قۇشۇلۇپ ئۈلۈپ قالىدىغاندەك ھىسىياتقا كەپ قالغانتىم،دوختۇرخانىغا كىرىپ دورىخاندىن بىر قۇتا تنچلاندۇرۇش دورىسى( 安定)سورۇدۇم،دورىگەر تۇرقۇمنى كۈرۈپ ئۇلىۋالامدۇ نىمە دەپ قورقتىمۇ..‹تېخى تۈنۈگۈنلا تۈگەپ كەتتى›دەپ قەتئى بەرگىلى ئۇنىمىدى‹ئاشقازىنىم ئاغرىپ كىتىپ پەقەت چىدىمىدىم دەپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ 4تاللا ئالالىدىم،ياتاققا كىرىپلا زورىغا قۇرسۇقۇمنى تازا توقلاپ دورىنى ئىچىپ،كۈزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ياتتىم...خۇدا يەنە ئۆز بەندىسىگە ئامراقكەن..ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئورنۇمدىن تۇرسام كىچەسائەت12دىن ئېشىپتۇ،تۇنجى بۇلۇپ ئۈزۈمدىن ئازراق پەخىرلەنگەندەك بولدۇم،ھىساپتا ئىككى كۈن ئۈتۈپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ...بەدىنىمدىكى بىئاراملىقمۇ خېلى پەسىيىپ قاپتۇ،ئاستا ھويلىغا چىقىپ خېلى ئۇزۇن تاماكا چىكىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم،ئاندىن يېنىپ كىرىپ خاتىرىنى ئېلىپ بۇ دورىغا قانداق بۇلۇپ ئۈگەنگىنىمدىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە تارتقان ئازاپلىرىمغىچە ھەممىنى يېزىپ چىقتىم...بۇرۇن خېلى بىر نەرسە يېزىپ قۇيىدىغان ئادەم 5يىل بۇپتىكەن قەلەمنى قۇلۇمغا ئالمىغىلى،يازغانلىرىم 20بەتتىن ئېشىپ كىتىپتۇ،خاتىرىنى قۇيۇپ قۇيۇپ بىردەم كومپيوتۇردا كىنو كوردۇم...يەنە تاڭ ئاتتى،شۇنداق يۈرۈپ ساق تۆت كۈننى ياتاقتا يالغۇز ئۆتكۈزدۇم،خۇمارىممۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا پەسىيىپ قالغان ئىدى.
مانا شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئۇ دورىنى يىمىگىلى ساق 6كۈن بولدى،راستىن دىسەم دورىنىڭ خۇمارى تېخى تەل-تۈكۈس كەتكىنى يوق،كەيپىنى ئويلىساملا ھېچنىمىگە قارىماستىن دورىخانىغا چاپقۇم كىلىدۇ،بىراق نەچچە كۈندىن بۇيان تارتقان-ئازاپلىرىمنى،5يىلدىن بۇيان ئۈتۈپ كەتكەن ۋاختىمنى ئويلاپ ئۈزۈمنى كونتىرول قىلىپ يۈرىۋاتىمەن.قالغىنىغا ئاللاھ ئىگەمنىڭ مەدەت قىلغاي!
ئاخىردا بۇ نىجىسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ۋاقىتلىق ھۇزۇر سۈرۈپ يۈرىۋاتقان تورداشلارغا دەيدىغىنىم‹ئامال بار بالدۇر تاشلاڭ،ھىېچكىمدىن ياردەم تەما قىلماڭ،ئۈزىڭىزگە ئىشنىڭ،ئىرادە بۇلىدىكەن،نىيەت بۇلىدىكەن غەيرەت قىلسىڭىزلا چۇقۇم تاشلىيالايسىز...مەيلى بېشىڭىزغا قانچىلىك دەرت-ئازاپ كەلسۇن،رىئاللىقتىن ئۈزىڭىزنى مەڭگۈ قاچۇرۇپ بولالمايسىز...
يەنە بىر تىمىدا بەزى تورداشلار نەشە چىكىش ئارقىلىق تاشلىغىلى بۇلىدۇ دەپتۇ،بەلكىم بۇمۇ بىر ھىساپتا توغرىدۇ،لېكىن نەشىمۇ كەيپ قىلىدۇ،چۈمادونى تاشلايمەن دەپ نەشە چەكسىڭىز چۈمادونى تاشلىغان تەقدىردىمۇ نەشىنى تاشلىيالمايسىز...نەشىنى تاشلايمە دىسىڭىز چۇقۇم يەنە چۈمادوغا ئۈگىنىۋېلىشىڭىز تورغانلا گەپ،بىر ئۆمۈر ئىككىسىدىن بىرنى تاللاپ ياشاپ بولالامسىز؟ شۇڭا تاشلىغانكەنسىز كەيپتىن بىراقلا قول ئۈزگىدەك تاشلاڭ!
ئۆز تېنىڭىزنى خورلىماڭ!
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |