ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قەشقەرلىكنىڭ پارىڭى ‹ يامان قىزىق›

بىر ئاغىينىمىز بار شۇنداق قىزىقچى . بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە - چاقچاق توغىرىلىق گەپ بولدى . بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىلىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق ، بۇ ئاغىينىمىز قوپۇپ :
    - خاتالاشتىڭلار ، ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ ، غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەرلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن ، ھەتتا بەزىدە دىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ . مەن سىلەرگە بىر - ئىككى پاراڭ قىلىپ بېرەي - دەپ قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بىرىپ گەپنى باشلىدى .
    تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ . تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ، تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە :
    - ھاجېېېېېېم ، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن ، -دەپتىكەن ، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى  كەپتۇ .
    بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتۇرنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ . يىشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ . قىزىل ، سېرىق ، يىشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن قەشقەرلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كىلىپ :
    - ھاجېېېېېم ، قانداق چىراق لازىم سىلىگە ......دىگىدەك ........
    ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە جام دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇيرۇتۇپ ، تاماقنى يەپ بۇلۇپ :
    - قانچە پۇل بولدى ، - دىسە ، پۇكەيدىكى پۇل يىققۇچى :
    - 220 كوي ، - دىيىشىگە ، يانچۇقىنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋېتىپ :
    - بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ، -دىگىدەك .
    بىر ئاداش تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلىسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلىسپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ :
    - ئولتۇراپ بوللىما~~ ، يەنە بەش مىنۇت تۇرىۋالاملىيا ، - دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ : 
    - باشقىغۇ ئىش يوقتى ، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ ئولتۇراپ قاپتىمەن ، - دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ  ئېگىسى :
    - ماڭ قايلىسا ، ئىۋۇ دوقمۇشتىن  ئۆتۈپ باغۇ ، ئوڭغا قايلسىلا تۈز يول بار ، شۇ يولنى بويلاپ مېڭىۋەسىلە بۇرۇنلىرىغا پۇرايدا ~، شۇ يەر شۇ ، - دىگىدەك .
     قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن . بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئېگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دىسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
    -ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟
    باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گېلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ . ئۇ بىر گېلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گېلىمى ياكى قولدا تۇقۇلغان گېلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بۇلۇپ دەپتۇ :
    - بۇ تۇقىغان گېلەممۇ يا ...
    - ياق ، قۇيغان گېلەم ........... دىگىدەك ئېگىسى تۇمشۇقىنى ئۇچۇرۇپ . ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گېلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ .
    - 600 كوي
    -  300 كويغا كېلەما ؟ - دىسە ، گېلەمچى خېرىدارنىڭ قۇلىدىن يېتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك .
    - ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇنداق ئۆتسىلە بورا بازىرى بار .
    قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماشىنا توختىتىلغان ئىكەن ، تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ماشىنىغا بىرنى تىپىۋېتىپ :
    - ما ئەسكى داس چىمنىڭ ؟ - دەپ ۋاقىراپتۇ . ماشىنىدىن ساقاللىق تەمبەل بىرسى چۈشۈپتىكەن ، تاڭجاڭ دەرھاللا دىگۈدەك :
    - ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتتى .
    بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم ، ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم . سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى . چاپاننى سېتىپ بۇلۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا
دىمەسمۇ ؛
    - ئۇكام ، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما ؟
    ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن . ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى . شۇ گەپنىڭ دەردىدە كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم .
    بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يىگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ :
    - ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟
    ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ :
    بۈگۈن سەيماچاڭ (بەيگە مەيدانى) غا چىقماپسىلە - ھە ! - دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى تەرجىمە قىلىپ دەپتۇ :
    - ھەي ، ھەي ، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن ، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق ، دىگەن گەپ ئاۋۇ
    - شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يۇرۇپ كىتىپتۇ .
    ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي - كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان ، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە - چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي - كۆكتات ئالغىلى بازارغا بېرىپ ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ :
    - شوخلا قانچە پۇل؟[
    - xx كوي
    - لازا قانچە پۇل؟
    - xx كوي
    - بەسەيچۇ؟
    - xx كوي
    يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بېقىپ ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ ، شۇنداق مېڭىشىغا ھېلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك :
    - ئۇكام ، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
    تىببى ئونۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا  قەشقەرلىق ئاغىينەم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىش بىلەن قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق ، ئاغىينەم :
    - ئاداش ، ئىشىكنى ئېچىڭلار ، - دىسە ، ياتاقتىكى بالا قەستەنگە چاقچاق قىلىپ :
    - ياتاقتا ئادەم يوق، - دىگەنتى ، ئاغىينەم تۇرۇپ كىتىپ :
     - ئەمىسە ئېشەك بولسىمۇ بولىدۇ دىمەمدا...نەتىجىدە ئىشىك ئېچىلىپ ئۇلار ئۇرۇشۇپ قاپتى ، ئاران ياراشتۇردۇم .
     ئۆتكەن يىل 8 - ئايدا ئىدارىدىكىلەرنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئېلىپ بارغاندىكى قىزىق ئىش ئىسىمگە كەپقالدى ..... ھېيتگاھ بازىرى ئەتىراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلاشقان ئەتىسى كەچتە بىر ياتاققا بىللەن ئورۇنلاشقان خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ھېيتگاھ  ئەتىراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۇق ، بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ بىنانىڭ ئالدىدا باركەن ، ئۈچىمىز بىرگە چۆگىلەپ خام بازىرى دىگەن يەرگە كەپقاپتۇق ، قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان يەرلىك شاپتۇلنى كۆرۈپلا ئۈچىمىزتەڭلا بىرىنچى باققالنىڭ ئالدىغان كىلىشىمىزگە :
    - كەسە خېرىدار كەسە ، بەشكېرەمنىڭ شاپتۇلى ، بارمۇ دىسەڭ يوق دەيمەن ....... يارىمىسا باكالىق .........
    - كىلوسى نەچچە پۇل ؟
    - 6 كوي غوجام ، تېتىپ كۆرسىلە ، يارىمىسا باكالىق .
    شوپۇر ئاكىمىز ئىككىلەنمەيلا بىر تال شاپتۇلنى يەپ بېقىپلا گەپ - سۆز قىلماي شۇنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى تەنزىگە كىلىپ شاپتۇلغا قاراپ بولغۇچە بىرىنچى تەنزىدىكى باققال قوپۇپ :
    - ھاجېېېېېم ، مۇشۇنداق تېتىپ ئىشۇ باشقا چىقسىلا ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس ، ما ئىككى شىشىدەك خېنىملارنىڭمۇ قوسىقىنى تويدۇرۇپ كېتەلەيدىلا ........
    - نىمانداق سېسىق گەپ قىلىلا .... ؟ ھېلى ئۆزلىرى يارىمىسا باكالىق دەپ توۋلاپ كىتىپ بارمامتىلە ......؟ يارىغاننى ئالىدىغان گەپتە ............
    - غوجوووووووووم ، يارىغان بولسا ئىۋۇنىمۇ يەمتىلە ......؟ ( سېۋەتتە خېرىدارلار يەپ دۆۋىلەپ قويغان شاپتۇل شۆپۈكى ۋە ئۈچكىسى تۇراتتى) نۇمۇستىن ئۆلگۈدەك بۇلۇپ ، شاپتۇلنىمۇ ئالماي ئۇدۇل كىتىپ قالدۇق ، شۇ ئىزا تارتقانچە مېڭىپ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇق ، بۇ يولنىڭ ئايىقى چىقامدىغان دەمسىلە ، ئىچكىرىلەپ مېڭىۋەردۇق ، ئارقىمىزغا يېنىپمۇ باقتۇق ، لىكىن كەلگەن يولنى تاپالماي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى ، بولماي شوپۇر ئاكىمىزنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەن بىر ئادەمدىن يول سورىدىم :
    - تېچلىقمۇ ئاكا ...؟ بۇ يولنىڭ ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ ...؟
    - قوقماي مېڭىۋېرىشسىلە ، ئىشقىلىپ ئۇ دۇنياغا ئاپامايدا ..........
    - ھېتگاھ بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي بۇ يەرگە كەپقالدۇق ، چوڭ يولغا چىقالماي يۈرىمىز............
    - يېڭى كىلىشكەن ئوخشىماملا بۇ يەگە ....؟ ئۆزلىرىمۇ شۇ بويلىرى بىلەن ئېزىپ كېتىدىغان ھاللىرىغا قىزباللىنى پىقىرىتىمەن دىمەي ئۇخلاپ قاسىلا بوممامدۇ جانلىرىغا جاپا سامماي ................. ( بايىقى زەربىدىن ئىسىگە كېلەلمەيۋاتقان شوپۇر ئاكىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ تىلى گەپكىمۇ كەلمىدى .. )
    - ھوي ئابدۇسەمىتاخۇن ، كونكاڭنى ئېچىقىپ مالىنى يەتكۈزۈپ قويە مەنزىلىگە ... بالدۇر كە جۇمۇ بالام ......... ؟
    مىڭ رەھمەتلەر بىلەن يامان تەسلىكتە ياتاققا كىۋالدۇق .
    بىزنىڭ ناھىيىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياكى ئۆيىدە ئىشى يوق چوڭلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىسە يەپ بولمىسا چاي پۈۋلىگەچ جاھاننىڭ گىپىنى قىلىپ ياكى بولمىسا لۇشاڭ (سىنئالغۇ ) كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر ئادەتمۇ بار چۇ - ! ( بۇ يەردە مەخسۇس چايخانا ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا ) ، مۇشۇنداق چايخۇماردىن ئىككى ئادەم قەشقەرگە بېرىپ بىر تاماقخانىغا كىرىپ شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قاپتۇ ، كۈتكۈچى قىزمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم چاي ئالماشتۇرۇپ بىرىپتۇ بولمىسا . بىر چاغدا قارىسا كۆرىۋاتقان فىلىممۇ تۈگەپتىكەن ، بىر ئادەم يەنە بىرىگە :
    - ئەمدى چىقىلىمۇ ئەمىتاخۇن ، يەنە تېخى بىر مۇنچە يەر بار بارىدىغان ......
    - شۇنداق قىلىلى ....... دەپ ئەمدى ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ، سەۋرى قاچىسى توشقان ئاشخانا خوجايىنى :
    - ئوتتۇراشماملا غوجۇللۇرۇۇۇۇۇۇۇۇم .... دەنشى تۈگىسە چىكىت چىقىدا ، - دىگىدەك .
    بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ، بىرسى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى بەرمەي ماڭدى ، ئاشپەز :
    - قارىم تاماقنىڭ پۇلىنى ، - دىدى . ھېلىقى كىشى :
    - سەيدىن چىۋىن چىقتى ، - دىسە ، ئاشپەز دەرھاللا :
    - سىلە يەپ بولغان 4 مومىدىن چىۋىن چىقمىغاندۇ؟
    ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قەشقەردە ئىدى . بىر كۈنى قەشقەرگە كىرىپ نەۋرە ئاكام بىلەن كۆرۈشمەكچى بوپ قالدىم . ئۇنىڭ ئۆيى 4 - قەۋەتتە ئىدى . بىراق مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن 3 - قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىكىپ قاپتىمەن . ئىشىك ئېچىلىپ 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم چىقتې . ئىشىكنى خاتا چەككىنىمنى دەرھاللا بىلدىم - يۇ ، گەپ قىلمايلا كەتسەم سېسىق گەپ ئاڭلاپ يۈرمەي دەپ :
    - نەۋرە ئاكامنى ئىزلەيتتىم ، - دىدىم . ئۇ ئادەم باش - ئايىقىمغا بىر قارىۋېتىپ :
    - قارىسام ياشلا تۇرىلا ، ئەمما سىلىگە قېرىلىق يىتىپتۇ . ئۆيگە كىرىپ ئازىراق دەملىرىنى ئېلىۋېلىپ ، يەنە بىر قەۋەت ئۆرلىسلىرى چىقىلا ، - دىمەسمۇ ، سېسىق گەپ ئاڭلاپ قالماي دىگەنگە تويدۇم .
    بىر كۈنى يېزىدىن كىرگەن بىر نەچچە ياش بىر ئاشخانىغا تاماق يىيىشكە كىرىپتۇ ، ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا شەھەرلىك ياشلاردىن بىر نەچچىسى كىرىپتۇ . ئاۋال يېزىلىق بالىلار تاماق بۇيرۇتۇپتۇ .
    - پۈتۈندىن 4 ئاش (لەغەن دىمەكچى)
    كۈتكۈچى شەھەرلىك بالىلاردىن سوراپتۇ :
    - سىلەرگە ئاشنى پۈتۈن ئەكېلەمدىم؟ يېرىممۇ؟
    - يېرىمدىن ئەكەل ، بىز يا سەھرالىق بولمىساق كالىدەك پۈتۈن ئاش يەيدىغان ........دەپتۇ . يېزىدىن كىرگەن بالىلار بۇ گەپنى كۆڭلىگە سېپ قۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇ . بىر كەمدە كۈتكۈچى كىلىپ يېزىلىق بالىلاردىن سوراپتۇ .
    - ئاش سۈيى ئەكېلەيمۇ؟
    - ياق ، بىز يا شەھەرلىك بولمىساق يېرىم ئاش يەپ تويمىغىنىغا ئاش سۈيى ئىچىدىغان ، - دەپتۇ .
    تىببىي ئونۋېرسىتېتنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئاشخانىسى دەيدىغان بىر ئاشخانا بولىدىغان ، چۈشلۈكى ئادەم بەك كۆپ بۇلۇپ كېتىدىغان . بىر چۈشتە بىر قەشقەرلىك بالا پولۇ يىگىلى كىرىپتۇ ، پولۇمۇ بەكلا تەستە چىقىپتۇ ، ئەمما قۇشۇق يوق ، تاڭجاڭدىن ئىككى - ئۈچ قېتىم قۇشۇق سوراپتۇ ، قۇشۇق كەلمەپتۇ . ئاخىرى ئۇ بالا چىدىماي :
    - ئۇستوووووم ، قۇشۇق بولمىسا تىشاڭ بولسىمۇ مەيلىتى ئۇسسۇپ يىگىلى... بى ئەككىلىۋېتىڭلا ! - دەپتۇ .
    بىرسى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە توققان يوقلاپ بېرىپتۇ ، قارىسا بۇ قەشقەردە ‹‹كىرىڭ ›› دىگەننىڭ ئورنىغا ‹‹چىرىڭ ›› ، ‹‹كىم ›› دىگەننىڭ ئورنىغا ‹‹چىما ›› دىگەننى ئىشلىتىدىكەن - دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھېلقى كىشى تۇققىنىغا دەپتۇ :
    - سىلەر داۋاملىق ‹‹ك›› نىڭ ئورنىغا ‹‹چ ›› نى ئالماشتۇرۇۋالىدىكەنسىلەر ، ‹‹كىرىڭ ›› دىگەننى ‹‹چىرىڭ ››  ، ‹‹كىم ›› دىگەننى ‹‹چىما ›› دىگەندەك ، ‹‹چ›› نىڭ ئورنىغا ‹‹ك›› نىلا ئالماشتۇرساڭلا توغرا بولىدىكەنغۇ ، - دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىللە ئۈرۈمچىگە مېڭىپتۇ ، ئۈرۈمچىدە بېكەتتىن چىقىپلا ھېلقى قەشقەرلىق تۇققىنى ياپيىشىل چىملىقنى كۆرۈپ :
    - ۋۇييۇ .....ماۋۇ كىملەرنى ......... دىگۈدەك .
     بىر كۈنى بىر ئاغىينەم بىلەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ قالدۇق ، بۇ ئاغىينەم يامان سېسىق گەپ قىلاتتى - دە . ئاشىانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇپ قوياپ خېلى ئوتتاساق ، يا تاماق ، يا چاي ئەكەممەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھېلقى ئاغىينەم تاڭجاڭنى توۋلاپ :
    - ]قايسسا ئې چاي پىشقان بوسا بى ئەكىلىۋەتمەملا ، - دىسە ، ھېلىقى تاڭجاڭ ماندا ئالىيىپ قوياپ :
    - ما مىھمانغا چاي ، - دەپ چاينى ئەكىلىشىگە ، ھېلىقى ئاغىينىمىز قوپاپ :
    - ما تاماقنىمۇ خېلى بولدى بۇيرۇپ قويغىلى
    - نىمى بۇيرىغان ؟ - دىدى ھېلىقى تاڭجاڭ ، بوممىسا تاماقنى ئاشۇ تاڭجاڭغا بۇيرىغان .
    - ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن
    - سەل تەستىراق چىقىدىغان تاماق بۇيرۇپ قاپلا ! بوممىسا قورىماي موما يىمەملا ، ئىشتتىكىرەك چىقىدىغان
    بىر كۈنى بىر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولاپ قالدۇق .
    - ئەمدە كەچتە ئازراق يەي ، سەمىرىپ كېتىدىكەنمە ، - دەپتى ، ماقا ، دەپ گۆش ناندىن ئىككىنى ، سۇيقاشتىن ئىككىنى بۇيرىسام ، ھېلىقى تاڭجاڭ :
    - كاۋاپتىن قانچىنى يىيىشىلا ، - دەپ سوراپتى ، مەن :
    - ئىككى زىخ قوياپ قويسا ، - دىسەم ، ھېلقى تاڭجاڭ :
    -ھېي ، قوقماي قويە ما مىمانغا كاۋاپتىن ئىككىنى........  دىمەسما ، ئاشخانىدا لىق ئەدەم باكىن ، يامان نۇمۇس قىپ كەتتىم .
    بىر ساۋاقدىشىمىز باتى دادىسى ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ، ئۇ يامان ئاقساتى - دە . تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغ ، خېمىيە دەرىستە مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتسا پاراڭ قىپ ئولتۇرۇپتىكەن ، مۇئەللىم ئۇنى دوسكىغا چىقىرىپ سۇنىڭ خېمىيىلىك فورمۇلاسىنى كۆرسىتىپ :
    - بۇ نىمىنىڭ فورمۇلاسى ، - دىسە دىيەلمەي قاراپ تۇدى - دە . شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم :
    - ھېي ، سەن 12ژىلنىڭياقى مەكتەپتە ئوقۇپ مۇشىنىمۇ ئۇقمامسە - ھە ، - دەپ ئاچچىغلاپ ، پەستىكى بىر چىلەك سۇنى ئېلىپ جاڭتەيگە تاققىدە قوياپ :
    - ھېيې ، نىمماۋۇ ؟ - دىسە ، ھېلىقې ئاغىينىمىز تۇرۇپ كىتىپ :
    - چېلەك ....... دىمەسما .
    بىر كۈنى بىر قانچەيلەن بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەنتۇق ، تاڭجاڭ كىلىپ :
    - نىمە تاماق يەيسىلەر ، - دەپتى ، بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن :
    - چاينى بەلەنرەك دەملەپ كېلەسىلە جۇما ، - دىدۇق ، بىر دەمدىن كىيىن چاينى ئەكىلىپتى ، بىر ئاغىينمىز چاينى شۇنداق قۇيۇپتى ، چاينىڭ تەمى ئانچا چىقماپتىكىن ، ھېلىقى ئاغىينىمىز تاڭجاڭنى قىچقىرىپ :
    - ماڭا قايلىسا ، بۇ چاينى بىرە قېتىم چاقىۋېتىپ دەملىگەنمۇ يا ، بۇدا چاقىۋەتمەيرەك بى دەملەپ ئەكەلسىلە  ، - دەپتى ، تاڭجاڭ تۇرۇپ كىتىپ ، بىر دەمدىن كىيىن چاينى قېنىغراق قىلىپ دەملەپ كەپتۇ . بىز شۇنداق كۈلۈشۈپ كەتتۇق . شۇندىن كىيىن بىز شۇ ئاشخانىغا كىرسەك تاڭجاڭغا ‹‹چاينى چاقىۋەتمەيرەك دەملەپ كېلەلا جۇما ›› دەپ چاخچاق قىلىپ قويىدىغان بولدۇق .
    بىر كۈنى قەشقەردىكى بىر ئاغىينمىزنىڭ ئويىگە كىرگەن ، ئوي ئېگىسى سۇ بېرەي دەپ تۇرسا ، بىرىنچى بۇلۇپ كىرگەن ئاغىينىمىز ئوي ئېگىسىگە :
    - ساڭا قول تەڭلىسەم سەت تۇرامىكى ، - دىيىشىگە ، ئاغىينىمز :
    - ئۇنداق بولسا دادامنى چاقىرايمۇ ، - دەپتى ، ھەممىمىز جىم ئولتۇرغان .
    بىر كۈنى 47~~48 ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر ئايال قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىغا كىرىپتۇ . دوختۇر ھېلىقى ئايالدىن :
    - خېنىم ، قانچە ياش ، - دەپ سورىسا ،
    - 39 ياش ، - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دوختۇر ئاداش ھېلىقى ئايالنىڭ چىرايىغا بىر سەپسېلىۋېتىپ :
    - شەنبە ، يەكشەنبە ، ھېيت - بايرامنى چىقىرىۋېتىپمۇ يا~~~ - دىگىدەك .
    بىر كۈنى بىر ئادەم قەشقەرگە كىلىپ بازار ئايلىنىپتۇ ، ئۇ ئادەم بازار ئايلانغاچ بىر بېلىق كاۋىپى ساتىدىغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ . ھەم بېلىق كاۋىپى يىگىسى كىلىپ كاۋاپچىنىڭ قېشىغا كەپتۇ ھەم بېلىقچىغا :
    - بىر زىخ بېلىق كاۋىپى نەچچە پۇل ؟ - دەپ سوراپتۇ . بېلىقچى :
    - بىر زىخى 4 كوي ، - دەپتۇ ، ئۇ ئادەم :
    - مەن 5 نى ئالىمەن ،  2 كويدىن بېرەملا ؟ - دەپتۇ ، كاۋاپ ساتىدىغان ئادەم :
    - 2 كويدىن ئېرىقتىن تۇتۇپ يىسىلە ، - دىگىدەك .
    ھېيىت كۈنى بىر ئايال بازارغا بادام ئالغىلى چىقىپتۇ . ئايلىنىپ بادام بازىرىغا كەپتۇ . 1 - دۇكانغا كىرىپ دۇكانچىغا « ئۈكام بادامنى نەچچىدىن ساتتىلا » دەپ سوراپتۇ . دۇكانچى « 45 سوم » دەپ جاۋاب بىرىپتۇ . ھېلىقى ئايال ئارتۇق گەپ قىلماي بىر تال بادامنى ئېلىپ بىر چىشلەپتىكەن ، بادام شۇئان چېقىلىپتۇ . ئايال دۇكانچىغاچاندۇرماستىن « ئۇكام قاتتتىقراق بادام يوقما » دەپلا چىقىپ كىتىپتۇ . 2 - دۇكاندىمۇ 1 - دۇكاندىكىگە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . 3 - ، 4 - دۇكانلاردىمۇ شۇنداق بوپتۇ . 5 - دۇكانغا كەلگەندە دۇكاندار ئالدىدا بولغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغانىكەن . ھېلىقى ئايال كىرىپ بىر تال بادامنى ئېلىپ چېقىپ بۇلۇپلا دۇكانداردىن يەنە « ئۇكام قاتتىقراق بادام يوقما ؟ » دەپ سوراپتىكەن ، بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان دۇكاندار ئايالغا :
    - خېنىم ئالدىلىرىغا قايلاپ ئۇدۇل ماڭسىلا ياغاچ بازىرى بار ، ئاشۇ يەردە سىلىگە ئوياپ بەرسۇن ، - دەپتۇ .
    بىر كۈنى ھىيتكاھ بازىرىدىن كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ يېڭى بازارغا بارماقچى بولدۇم - دە ، يېڭى بازارغا كېلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە قىزىل چىراق يېنىپ كىرا ماشىنىسى توختىدى . يىشىل چىراق يانغاندا كىرا ماشىنىسى مېڭىشىغا ، پىيادىلەر يولىدىن توغرىسىغا كىسىپ ئۆتىدىغان بىر خېنىم ماشىنا ئۆتۈپ بولغىچە ئۆتىۋالىمەن م دىدىمۇ ، مېڭىپ ماشىنا بىلەن تەڭ كىلىپ قالدى ، شوپۇر غەزەپ بىلەن ماشىنىنى تورمۇزلاپ توختاتتى - دە ، ھېلىقى ئايال ماشىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە دەرھال ماشىنا ئەينىكىنى ئېچىپ :
    - خېنىم ، ماشىنا باسسا ئادەم باسقاندەك باسمايدا جۇما ، - دىمەسمۇ ، كۈلۈپ تېلىقىپ قالغىلى تاس قالدىم  .
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203