گۈزەللىكنى سۆيۈش ئاياللارنىڭ تەبىئىتى.بۈگۈنكى كۈندە ، ھۆسۈن تۈزەش ، گىرىم قىلىش ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ بىر خىل ئادىتى بولۇپ قالدى . بىراق ھامىلىدار ئاياللار قېنىق گىرىم قىلماسلىقى كېرەك . ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قارا پېېگمېنتنىڭ چۆكۈشىدىن ئاسانلا سەپكۈن پەيدا بولىدۇ. بۇ سەپكۈنلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھامىلىدار ئاياللار ھەرخىل گىرىم بويۇملىرى بىلەن گىرىم قىلىش ئارقىلىق بۇرۇنقى چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ. گىرىم بويۇملىرى زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى بەزى گىرىم بويۇملىرى ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك:
چاچ بوياش مەلھىمى: چاچ بوياش مەلھىمى بىر خىل ئالاھىدە بوياق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى بوياقلاردا بار بولغان خىمىيەلىك ماددا بولۇشتىن باشقا، يەنە تېخىمۇ مۇرەككەپ خىمىيەلىك تەركىپلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى دىئامىن مېتىل بېنزول، ئامىنو دىنوزام قاتارلىقلار ئەڭ زىيانلىقتۇر. بۇ ماددىلار ھۈجەيرىدىكى خروموسومىنىڭ غەيرىي تەبىئىي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە راكى، سۈت بېزى راكى ۋە ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى چاچ بويىماسلىق كېرەك.
چاچ بۈدۈر قىلىش قىيامى: فېرانسىيەلىك تىببىي مۇتەخەسىسلەر كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، چېچىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىشىپ ۋە ئاسان چۈشىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر يەنە خىمىيەلىك بۈدۈر قىلىش قىيامىنى ئىشلىتىپ چاچ بۈدۈر قىلغاندا، چاچنىڭ چۈشىشىنى تېزلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىمىيەلىك بۈدۈر قىلىش قىيامى ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىسىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاز ساندىكى ئاياللارغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار چاچ بۈدۈر قىلىش قىيامىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
لەۋ بويىقى: لەۋ بويىقى كۆپ خىل ماي، موم ۋە خۇشپۇراقلىق ماددا قاتارلىق تەركىپلەردىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماي ئۈچۈن ئادەتتە لانولىن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىر خىل لانولىن سۇيۇقلىقىنى يىغىۋېلىش ۋە ئايرىش ئارقىلىق ياسالغان سۈزۈك مايدىن ئىبارەت. لانولىن ھاۋادىكى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ئېغىر مېتاللار، مىكرو ئېلىمېنت توزانلىرى ھەمدە ھامىلىنىڭ تېنىگە كىرەلەيدىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق مىكروبلارنى يېپىشتۇرىۋېلىپ، شۆلگەي ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار لەۋ بويىقى سۈرمەسلىكى كېرەك.
يۇيۇش خۇرۇچى: ھەر خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تەركىۋىدە تۈز زەنجىرلىك ئالكىل سولفونات قاتارلىق خىمىيەلىك تەركىپلەر بار بولۇپ، بۇ تەركىپلەر ھامىلە ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىسىگە زىيانلىق. 150 نەپەر پەرزەنت كۆرۈش يېشىدىكى ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشچە،بۇ ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ تېنىدە ئۆلۈپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى، تەركىۋىدە ئىسپرتلىق سولفات كىسلاتاسى بولغان بەزى ماددىلار تېرە ئارقىلىق ئانىنىڭ تېنىگە كىرىپ، بەلگىلىك قويۇقلۇققا يەتكەندە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىنى ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |