ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇللىرى

ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭىنىڭ زىيادە قوزغىلىشىدىن ئۇخلىيالماسلىق، ئۇخلىسىمۇ يېنىك، سەگەك ئۇخلاش، ئاسان ئويغىنىپ كېتىش، كۆپ چۈش كۆرۈش، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ كېچىسى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، كۈندۈزى روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بەزىلىرىدە قۇلىقى غوڭۇلداش، قولى تىترەش، بېشى ئېغىرلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداق بولسا ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئۇيقۇسى كەلمىگەندە ئۇيقۇ دورىسى ئىچىشنى ئادەتلەندۈرىۋالماسلىق كېرەك. ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كۆڭلىدىكى چىگىشلەرنى يېشىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلىش كېرەك.
2. خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. كەچلىك تاماقنى بەك كۆپ يېمەسلىك، ئۇخلاش ئالدىدا قەھۋە، قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك.
3. نېرۋىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بېلىق، ياڭاق، خاسىڭ، ئالما، سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
4. ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، ھېچنىمە ئويلىماسلىق، يېنىك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.
5. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى قىزىق سۇدا يۇيۇش ۋە پۇتنىڭ ئالقىنىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
6 . چاي دورىسى ۋە ئىسسىققا مايىل دورىلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. مۇمكىن بولسا گۈل ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك.
7. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش ياكى بىر ئاز تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. بۇلار ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە، روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلەپ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ھەمدە قان بېسىمى تۆۋەنلەپ ئىشتىيى تۇتۇلۇپ، چوڭ تەرىتى قېتىۋېلىپ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇيقۇ دورىسىنى ئىمكان قەدەر ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203