ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سەھەردىكى باش قېيىشىنىڭ سەۋەبلىرى

كۆپلىگەن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كيىن بېشى قېيىپ ، كۆزى قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ ، ئىش ھەرىكىتى قولاشمايدۇ ، زىھىننى يىغالمايدۇ . بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىسە ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىزدەپ تېپىپ تەدىبىر كۆرۈش كىرەك .
1. يۇقىرى قان بېسىم . يۇقىرى قان بېسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بۇلۇپ ، سېمىزلەردە تېخمۇ كۆپ بۇلىدۇ . ھەر بىر ئادەمىنىڭ  بەدەن ساپاسى ئوخشىمىغانلىقىىتىن ، قان بېسىمىغا بەرداشلىق بىرىش ئىقىتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ. قان بېسىمى نۇرمال ئادەملەرنىڭ قان بېسىمى سەل ئۆرلەرپ قالسىىلا بېشى قېيىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ . شۇڭا بۇنداق كىشلەر باش قېيىشىنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قان بېسىمىنى نۇرماللاشتۇرشى كىرەك .
2. ئۇيقۇسىزلىق ؛ ئۇيقۇسىزلىق كىسلىگە گىرپىتار بولغانلار كۈنىگە ئاران تۆت- بەش سائەت ئۇخلىيالايدۇ ، بۇ داۋامىلشىۋەرسە باش قېيشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا نىرۋا ئاجىزلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەتگىنى باش قېيىپىلا قالماسىتىن ، روھسىز، مدغدۇرسىز يۇرىدۇ .
3. قاندىكى ماي تەركبى ئۆرلەپ كتىش ؛ بۇ سېمىز گۆش ، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىقلارنى كۆپ يەيدىغانلاردا كۆرۈلىدۇ قاننىڭ ماي تەكىبى يۇقىرى بولسا ، قان تۇمۇرلار ئاسان قېتىشىپ ، قان بېسىمى ئۆرلەش ، تاجىسمان ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ۋە باش قېيىشىتەك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
بۇيۇن ئومۇرتىقا ئۆسۈكچە كېسىلى ؛ بۇيۇن ئومۇرتىقا ئۆسۈكچە كېسلى بارلاردا ئۆسكەن بۇيۇن ئومۇرۇتقا تۇقۇلىمىللىرى ئومۇرۇتىقا ئارتىرىيەسىنى بېسىپ ، مېڭىگە قان يىتىشمەسلىكىتىن  باش قايدۇ .
5. مېڭە ئارتىرىيە قېتىشىش؛ بۇ كېسەل ياشانغانلاردا كۆپرەك بۇلىدۇ . مېڭە ئارتىرىيەسىدە قېتىشىش ئەھۋالى بولسا ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىلىنىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقىتىن باش قايدۇ .

 

مەنبە:خەۋەرتورى

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203